گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-08-25
Share
gollandiye-edliye.jpg «گوللاندىيە تەشكىلاتلار مۇنبىرى» دىكى ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئابدۇل ئەزىز، ئابلەت بەكرى ۋە ئابدۇقېيۇم ئەپەندىلەر. 2020-يىلى 24-ئاۋغۇست.
RFA

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ 24-ئاۋغۇست رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، 2019-يىلى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش ئەرزىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنىڭ گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلىپ سۇنۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

24-ئاۋغۇستتىكى كۆرۈشۈشكە قاتناشقان «گوللاندىيە تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى» نىڭ كاتىپى ئابلەت بەكرى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئابلەت ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 5-ئايدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئەرزلەرگە قاراپ چىققاندىن كېيىن، بۇ يىل 24-ئاۋغۇست كۈنى «گوللاندىيە تەشكىلاتلار مۇنبىرى» دىكى ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن ئوبۇلقاسىم ھاجىم، ئابلەت بەكرى ۋە ئابدۇقېيۇم قاتارلىق ئۈچ كىشىنى قوبۇل قىلغان.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغانلىقىنى، ئەرزلەرنىڭ گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق دىپلوماتىك يوللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئابلەت بەكرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىلگەن:

«گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گوللاندىيە قانۇنى بويىچە قوغدىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە گىراژدانى سۈپىتىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى گوللاندىيە قانۇنىغا خىلاپ بىر قىلمىش بولۇپ، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە يول قويمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن سىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىلەرگە سالغان تەھدىتلىرىنى قانۇن دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلىپ، ئۆز ھەق-ھوقۇقۇڭلارنى قوغدىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىز بۇ ھەقتە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا بىر دوكلات سۇندۇق. دوكلاتتا گوللاندىيە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك يوسۇندا سۆزلىشىپ، ھەل قىلىش تەكلىپى بېرىلدى. گوللاندىيە گىراژدانى بولغان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىنى قوللايمىز».

ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن، گوللاندىيە مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا يېڭىدىن قۇرۇلغان «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندىمۇ گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان 58 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2019-يىلى 5-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئەرز يوللاش پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتى خوتەندىكى دادىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىق ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ئىشلىرى دەسلەپكى مەزگىللەردە يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، بىر قىسىم ساقچىخانىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ئىشلىرى بىر ئاز توسالغۇغا ئۇچرىغان.

ئەمما «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى» نىڭ تىرىشچانلىقىدا دېلو مەلۇم قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل قىيىنچىلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى ھەل قىلىنىپ، 58 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەرز خېتى ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئىدارىلىرىگە ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ ئەۋەتىلگەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىنى قانۇن بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تۇنجى قەدەم دېيىشكە بولىدىكەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جاۋابى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەل قىلىشىنى بىۋاسىتە تەلەپ قىلىدىغان جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئاسىيە خانىم يەنە ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلاپ تەھدىت قىلىشىغا قارىتا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشىنى ۋە بۇ پائالىيەتنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلاپ، باشقىلارنىڭ دۆلىتىدە خىتاي قانۇنىنى يۈرگۈزۈشى، يەنى گوللاندىيە ياكى باشقا چەتئەل گراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنى، خىتاينىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىشى دۇنيا قوبۇل قىلالمايدىغان غەلىتە بىر ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۈستىدىن قانۇن ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە قوغداپ، قانۇن ئارقىلىق خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق جانلىنىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت