خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «ئۈرۈمچى رېستورانى» دا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-ئىيۇن. روتتېردام، گوللاندىيە.
گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-ئىيۇن. روتتېردام، گوللاندىيە.
RFA/Ekrem

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىن كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى روتتېردام شۆبىسىنىڭ ياشلار بۆلۈمى 17-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئۈرۈمچى رېستورانى» دا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.

د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، روتتېردامدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭمۇ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى جازا لاگېرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغان. 

بۇ قېتىمقى يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا بىر يىلدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىغا قارشى يەككە ھالدا نامايىش قىلىپ نام چىقارغان ئابدۇرەھىم غېنى ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، يىغىن ئەھلىنىڭ ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەم رەسىم كۆرگەزمىسى خاراكتېرىدىكى نامايىش ھەم ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە بەكرەك قىزىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان گوللاندىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ياشمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدا بىر سائەتكە يېقىن دوكلات بەرگەن. ئۇ، ياشلارنىڭ «بىز جازا لاگېرلىرىغا قارشى قانداق ياردەم قىلالايمىز؟» دېگەن سوئاللىرىغا قارىتا ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. 

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆبىسى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان جازا لاگېرلىرىغا قارشى دوكلاتلار ھازىرلاپ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ھەم ياۋروپا پارلامېنتىغا سۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ خىزمىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىكەن. زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۆپرەك چەتئەللىكلەرگە ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

«ئۈرۈمچى رېستورانى» بۇندىن 4 يىل ئىلگىرى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ 4 يىل جەريانىدا ئۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» توغرىسىدا بۇ رېستوراندا كۆپ قېتىم تۈرلۈك ئىلمىي يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن. 25-ماي كۈنى بۇ رېستوران روتتېردام شەھەر مەركىزىدە 200 كىشىلىك ھەقسىز لەڭمەن ئارقىلىق جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى يەرلىك خەلققە ئاڭلىتىشقا تىرىشقان ئىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ھەر يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، «5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يىل خاتىرىسىنى روتتېردامدىكى ئوچۇق مەيداندا گۈلچەمبىرەك تىزىپ خاتىرىلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت