گورباچېۋنىڭ ۋاپاتى قالدۇرۇپ كەتكەن سوئال: دۇنيا دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭامدۇ ياكى مۇستەبىتلىككىمۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرىقى رەھبىرى مېخائېل گورباچېۋ ئەينى ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان «قايتا قۇرۇش» ۋە «ئاشكارىلىق» تىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى ئاياغلاشتۇرغان ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ كوممۇنىزم مۇستەبىتلىكىدىن قۇتۇلۇپ، دېموكراتىيەلىشىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولغان شەخس ئىدى.

1989-يىلدىن 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكانىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان جەمېس بەيكېر (James Baker) 6-سىنتەبىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، گورباچېۋنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ «گورباچېۋ نېمىشقا مۇھىم؟» ناملىق بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «گورباچېۋ ئەپەندى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى زات بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى ھېس قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان ئىدى. چۈنكى بىز سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رۇسىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈپ، ‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›دىن كېيىن يېڭى خەلقئارالىق تەرتىپ ئورناتساق، دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ بۇ خەلقئارالىق مۇھىتتا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق. ئەمما ھازىر ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى، شۇڭا بىز ئالدىراپ خوش بولۇشتىن تېخى يىراق».

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى رەھبىرى مېخائېل گورباچېۋ(Mikhail Gorbachev) نىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-سېنتەبىر، موسكۋا.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى رەھبىرى مېخائېل گورباچېۋ(Mikhail Gorbachev) نىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-سېنتەبىر، موسكۋا. (AP)

بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدەك مۇستەبىت ئېمپېرىيەنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئېقىمى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن. 1987-يىل 75 دۆلەتنىڭ خەلقى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشىغان بولسا، 2017-يىلىغا كەلگەندە يەر شارىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان دۆلەتلەردىن پەقەتلا 15 دۆلەت قالغان. ئەمما يېقىنقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مۇستەبىتلىك يەنە باش كۆتۈرۈپ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئېقىمىدا چېكىنىش كۆرۈلگەن. گورباچېۋنىڭ دېموكراتىك، گۈللەنگەن، قوشنا ئەللەر بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان رۇسىيە چۈشى ھازىر بەربات بولغان. پۇتىننىڭ رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە مۇستەبىتلىك يولىغا ماڭغان ۋە غەرب بىلەن دۈشمەنلىشىپ، يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» پەيدا قىلغان؛ رۇسىيە ئۇكرائىناغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپاغا تەھدىت سالغان.

«ۋول-ستېرت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرىقى رەھبىرى گورباچېۋ بۈگۈنكى رۇسىيەگە قالدۇرۇپ كەتكەن تالاش-تارتىشلار» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 1999-يىلنىڭ ئاخىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى بولغان ۋىلادىمىر پۇتىن «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گىئو-سىياسىي تراگېدىيە» دەپ ئاتىغان.

پۇتىننىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ گورباچېۋقا تەزىيە بىلدۈرگەندە ئۇنى تەنقىدلەپ: «گورباچېۋ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرالايدىغانلىقىغا ھەمدە يېڭى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا رومانتىك مۇناسىۋەت ئەلچىسى بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى. ئەمما بۇ رومانتىزم ئەقىلگە سىغمايدىغان رومانتىزىم ئىدى، رومانتىكىلىق مەزگىلمۇ ھېچقاچان مەۋجۇت بولمىغانىدى. ئۇ شىرىن ئاي ئاقمىدى، بەلكى دۈشمەنلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرسەتتى. بۇنى بىزنىڭ ۋاقتىدا تونۇغىنىمىز ياخشى» دېگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇستەبىتلەرنىڭ گورباچېۋنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «جاھانگىر مىللەتچىلەر ۋە زوراۋانلىق يولىغا ماڭغانلار گورباچېۋنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى گورباچېۋ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى سوۋېت جاھانگىرلىكىدىن ئەلا بىلدى. شۇنداق، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى، ئەمما ئۇ سابىق سوۋېت پۇقرالىرىغا، ھەتتا رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ئېلىپ كەلدى».

گورباچېۋنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىككىنچى مۇستەبىت دۆلەت خىتاي بولۇپ، CNN تورىدا ئېلان قىلىنغان «گورباچېۋنىڭ ئەرۋاھى نېمىشقا خىتاي كومپارتىيەسىنى چىرمىۋالدى؟» ناملىق ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن پارتىيە كادىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتپاقى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ نېمىشقا غۇلاپ چۈشكەنلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشتە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى، سوۋېت كومپارتىيەسىنى، لېنىننى ۋە سىتالىننى ئىنكار قىلدى. پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ رولى قالمىدى، ھەتتا ئارمىيەسىمۇ پارتىيە رەھبەرلىكىگە بويسۇنمايدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيەسىدەك بۈيۈك بىر پارتىيە چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى». ئۇ بۇنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى گورباچېۋغا ئارتىپ، ئۇنىڭ گەرچە دېموكراتىيە ۋە ئىسلاھاتقا چوقۇنۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت تۈزۈمىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرگىز بۇ يولدا ماڭمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شى جىنپىڭ 10 يىلنىڭ ئالدىدا: ‹سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر ئەركەك چىقمىدى، بىز ئۇ يولدا ماڭمايمىز› دېگەن» دېدى.

گورباچېۋ 1989-يىل 5-ئايدا خىتايغا زىيارەتكە كەلگەندە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇنى «دېموكراتىيە ئەلچىسى» سۈپىتىدە قارشى ئالغان. گورباچېۋ بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزمغا بولغان قارىشىنى بايان قىلىپ: «بىز سوتسىيالىزىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېگەن ھەمدە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلەرگە سۆز ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىك ھوقۇق بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى ئېلان قىلمىغان. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرى گورباچېۋدىن ئەكسىچە يول تۇتۇپ، ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنى قانلىق باستۇرغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ساۋاق ئېلىپ ئۆزىنى نىسبىي كاپتالىزىم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان، ئەمما بۈگۈن كۈچلىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە سوتسىيالىزمغا قايتىپ، مۇستەبىت سوۋېت ئېمپرىيەسىنىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ خىتاينىڭ بۈگۈنكى ھالىنىڭ خاراپ ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدىمۇ سوۋېت ئىتتپاقىدەك ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمدارى شى جىنپىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى جىمىقتۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەقىبلرىنى يوقاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي تارىخىدا ‹چىقمايدۇ› دەپ قارالغان بىر رەھبەر دائىم چىقمايدىغان بىر زاماندا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۆلەتنى كونترول قىلىدۇ. ھازىر بۇ ئىش ھەر قاچان يۈز بېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ خىتاي بارغانچە بۆلۈنىۋاتقان، ئىقتىساد چۆكۈۋاتقان، قەرز كىرزىسى ئېغىرلىشىۋاتقان، ئاشلىق قەھەتچىلىكى كۆرۈلۈۋاتقان، مۇھىت ناچارلىشىۋاتقان، كېسەللىك يامراۋاتقان بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 1 مىليارد 400 مىليون خەلق ئىچىدە بىرەرسى بولسىمۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا لايىق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايمەن دەپ ئويلايدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئۇمۇ بىر كۈنى پارچىلىنىدۇ؛ چىرىپ كەتكەن بۇ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى ئەمدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.»

تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قانات ئاستىغا كىرگەن خىتايدا «سوۋېتنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز» دەيدىغان گەپ بولغان. ئەمدىلىكتە سوۋېتنىڭ ھالاكەتلىك ئۆتمۈشى خىتاينىڭ ئەتىسى بولۇپ قالامدۇ؟ ياكى خىتاينىڭ ئەھۋالى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالىدىن پەرقلىقمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئەھۋالىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنداق دەپ ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.