سىتوكھولمدىكى ئەجدادلار مىراسىدىن زوقلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خۇشاللىقى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.03.20
mata-rextlerge-gul-besish-1.jpg «ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» دا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ماتا رەختلەرگە تەبىئىي بوياقلار بىلەن گۈل بېسىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىش مەھسۇلاتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى، مارت، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ماتا رەختلەرگە تەبىئىي بوياقلار بىلەن گۈل بېسىشتىن ئىبارەت قەدىمىي سەرگەزچىلىك ھۈنىرى بۈگۈنگە كەلگەندە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بېسىمى، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى تېخنولوگىيەنىڭ رىقابىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا ئاساسەن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 2016-يىلى جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر نەققاشچىلىقى بىلەن بېزەلگەن مىڭلىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەيران قىلىپ تاشلانغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىللىي كىملىكنىڭ بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەھدىت ئاستىدا قالغان.

ئەمما شىۋېتسىيەدىكى بىر بۆلەك ئۇيغۇر ياشلىرى ئانا ۋەتىنىدە يوقىلىشقا يۈز تۇتقان بۇ مەدەنىيەت يالدامىسىنى سىيماسىنى ئالدىنقى ھەپتە سىتوكھولم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ياشلىرى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەرنى نەق مەيداندا كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بەزى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا، ئۆزلىرى ياراتقان ئىجادىيەتلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇپ كۆپ شادلانغان.

«ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» دا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ماتا رەختلەرگە تەبىئىي بوياقلار بىلەن گۈل بېسىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىش مەھسۇلاتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى، مارت، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئۇيۇشمىسى»، «شىۋېتسىيە ياش ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسى»، «شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىل مەكتىپى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ كۇرسقا سەرگەزچىلىك ھۈنىرىدىن مەلۇماتى بولغان بىر ئۇستاز يېتەكچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان. كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى سەرگەزچىلىكنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلارغا ئېرىشىپلا قالماي، ئەنئەنىۋى ھۈنەر بىلەن زامانىۋى تېخنولوگىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر سەرگەزچىلىكىدىن دەرس ئالغان ھەم نەق مەيداندا پىراكتىكا قىلغان. ئۇيغۇر سەرگەزچىلىكىگە قىزىققان بىر قىسىم شىۋېتسىيەلىكلەرمۇ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر كۇرسنى تەشكىللەشكە قاتناشقان «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرىدىن ئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، شىۋېتسىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئانا ۋەتىنى توغرىسىدا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ئىكەن. بۇ كۇرسقا قاتناشقان يەنە بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئۇيغۇر سەرگەزچىلىكى توغرىسىدا ئېرىشكەن بىلىملىرىدىن ئۆزىنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

شىۋېتسىيەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىدىن ماھىدە بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزىگە ئوخشاش چەت ئەلدە يېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بۇ كۇرسنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگىنىشنىڭ قىممەتلىك بىر پۇرسىتى بولغانلىقىنى، بۇ ھۈنەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى بېسىپ چىقارغان تۈرلۈك بۇيۇملاردىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى ۋە ئۇنى ھازىرغا قەدەر پەخىرلىنىش ئىچىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بەكلا قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن كۆپرەك مۇشۇنداق جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» دا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ماتا رەختلەرگە تەبىئىي بوياقلار بىلەن گۈل بېسىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىش مەھسۇلاتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى، مارت، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن تولىمۇ يىراقتا بولغان شىۋېتسىيەدەك بىر دۆلەتتە قايتىدىن تىرىلىشى ۋە نامايان بولۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلغۇچىلار، چەت ئەلدە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان پىداكارلارنىڭ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قوغداش ۋە ياشىتىشتەك ئەمەلىي پائالىيەتلەرگىمۇ بەلگىلىك ئېغىرلىق بېرىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.