قەشقەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۆلنار ئوبۇل 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەت خاتىرىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «‹دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەركەت› دولقۇنىنىڭ خاتالىقىنى ۋە ئۇنىڭ كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقى» نى پەۋقۇلئاددە بىر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. گۈلنار ئوبۇل 2019-يىلىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئاخبارات يىغىنلىرىدا ئۆزى ئىلگىرى تەنقىد قىلغان خىتاينىڭ دەل شۇ ئىجرائاتلىرىنى مەدھىيەلەپ كەلمەكتە ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئىدىيەسىدىكى بۇ دراماتىك ئۆزگىرىش تەبىئىي ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئاخبارات يىغىنلىرىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» كۇرسانتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى پائالىيەتچىلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەنقىدىي باياناتلىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئەجەبلىنىش پەيدا قىلمىدى. ئەمما قەشقەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇ سەھنىدە، ھەتتا ب د ت سەھنىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ سۆز قىلىشى، ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى قەشقەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ بىر مەمۇرىي خادىمى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.
نۆۋەتتە گۈلنار ئوبۇل خىتاينىڭ ئاخبارات يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ تۇتقۇندا ئەمەسلىكىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە ئۆزى ھەققىدە خەلقئارا ئاخباراتلاردا چىققان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنى بىر مەزگىل تۇتقۇن قىلىپ قويۇپ بەرگەن خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقارا جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقتا.
تور ئارخىپلىرىدا كۆرسىلىشىچە، گۈلنار ئوبۇل 4 يىلنىڭ ئالدىدا بىر خىتاي تەتقىقاتچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرسىدە، بىر قالاق ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشنىڭ قورالى چوقۇم بىر ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەكلىكى، بەلكى ھەرگىزمۇ سىياسىي بۇيرۇق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا2014 -يىلى6 -ئايدا باشلانغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ خاتا بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئۇ ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ب د ت دا قىلغان سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «تېرورلۇق» قا قارشى ئىجرائاتلىرىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 4 يىلدا ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى گۈلنار ئوبۇلنىڭ كۆز قاراشلىرىدىكى بۇ دراماتىك ئۆزگىرىش ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گۈلنار ئوبۇل مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەىيىتىنى چۈشىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بەزىدە ئاشاكارا، بەزىدە گەپ ئەگىتىپ تەنقىد قىلغان.»
ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىدىن قارىغاندا، ھەققانىيەتچى كىشىلەرنى ئېغىز جازالاش، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدۇرۇش، ئارقىدىن يۆلەپ-تۇرغۇزۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈزۈش ۋە ئۆزىگە يانتاياق قىلىپ قوللىنىش، يېڭى بىر مېتود ئەمەس ئىكەن.
ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر مېتود خىتاي زىيالىرلىرى ۋە ئۆكتىچىلىرىنى بويسۇندۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئويناپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە نەتىجىسى كۈتۈلگەندەك راۋان ۋە ئاسان بولمىغان، ئەكسىنچە تىللاردا داستان بولغۈدەك قەھرىمانلىقلارغا تۈرتكە بولغان.
گۈلنار ئوبۇلنىڭ شۇ 15 كۈن ياكى بىر ئايچە داۋام قىلغان تۇتقۇن ھاياتىدا ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا سەھنىدە رول ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاپ باققان ھەرقانداق بىر كىشىگە سىر ئەمسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
گۈلنار ئوبۇل مەزكۇر سۆھبەت خاتىسرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى خالاپ قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ماس ھالدا ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغان. ئىلشات ئەپەندىنىڭ دىيىشىچە، «خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە دەل شۇ گۈلنار ئوبۇل ئىپتىخارلانغان دىن ۋە مەدەنىيەتنى قالاق ۋە خەتەرلىك دەپ قارىماقتا ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن تەلۋىلەرچە ھەركەت قىلماقتا. شۇڭا گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇنداق بىر ئىجرائاتنى قوللىشى پەقەت ۋە پەقەت ئۇ دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە ئامالسىزلىقنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەن.»
گۈلنار ئوبۇل ب د ت دا قىلغان سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 300 نەچچە يېزا ۋە 30 نەچچە ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقى، ئۇيغۇر رايوندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك ئىناق ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
يۇقىرىدا دىيىلگەنلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىنمۇ ھەم شەكىل جەھەتتىنمۇ بىر تەتقىقاتچىغا ماس ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىلشات ئەپەندى، گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇ ھالىنى «شاتۇتى» غا ئوخشىتىدۇ.
گۈلنار ئوبۇل ئۆتكەن ھەپتە، يەنى15 -ئىيۇل كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدىكى بايانلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان. ئىلشات ھەسەننىڭ دىيىشىچە، گۈلنار ئوبۇل بۇ يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش قاتارلىق قورچاق ئورگانلاردىكى خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تونىنى كەيدۈرمەكچى بولغان.
ئىلشات ھەسەن بىلەن ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىلەر، بىر تەتقىقاتچى ئۈچۈن ئۆزى ھاياتى بويى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى، جۈملىدىن ئوزى چىقىرىپ بولغان خۇلاسىلەرنى ئىنكار قىلىنىشقا مەجبۇرلىنىشنى ئۆلۈمگە باراۋەر ئېچىنىشلىق بىر ئاقىۋەت دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلار گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇ ھالىدىن ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېر، قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرنىڭ ئىچىدىكى سوئال-سوراق ۋە قېيىن-قىستاقلارنىڭ ۋەھىمىلىك دەرىجىسىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيوئاڭلىغۇچىلار،يۇقىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭيېقىنقىئىككىيىلدىن بۇيانقىئاخباراتئېلانقىلىشيىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلارغاۋاكالىتەنسۆزلىتلىۋاتقانۋەرايوندىكىئىرقىيقىرغىنچىلىقنى «بەختلىكتۇرمۇش»دەپ پەردازلاۋاتقانپروفېسسورگۇلنارئوبۇلنىڭسىياسىيئىدىيەسىدىكىدىراماتىكئۆزگىرىشلەرھەققىدەئاڭلىتىشبەردۇق.