لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى: «ئۇلار بىزگە چوشقا گۆشىنى ‹تۇغقانلار تامىقى› دەپ مەجبۇرىي يېگۈزدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى يوتۇبې تورىدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئاپرېل.
لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى يوتۇبې تورىدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئاپرېل.
Social Media

قازاقىستانلىق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى ئۆتكەن ئاينىڭ 30-كۈنى يۇتۇب قانىلىدا لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ لاگېر خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە چوشقا گۆشىنى «تۇغقانلار تامىقى» ياكى «دوستلار تامىقى» دەپ مەجبۇرىي يېگۈزگەنلىكىنى، چوشقا گۆشى گېلىدىن ئۆتمەي قۇسۇۋەتكەن چېغىدا «ئىدىيەڭدە مەسىلە بار» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ۋە «ئورنۇڭنى يۆتكىۋېتىمىز» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى بايان قىلدى.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمەھەللە ئاياللار لاگېرىدا بىر يېرىم يىل تۇرغان گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى لاگېردىكى مەزگىلدە ئاساسەن گۈرۈچ بىلەن قىزىل قوناق (گاۋلياڭ) يېگەنلىكى، ئاندا-ساندا ئارىلاپ گۈش بېرىلگەنلىكى، ئەمما بېرىلگەن گۆشلەر قاتارىدا چوشقا گۆشىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېر خادىملىرى ئۇنىڭغا چوشقا گۆشى سېلىنغان تاماقلارنى بەزىدە «تۇغقانلار تامىقى»، بەزىدە «دوستلار تامىقى» دەپ مەجبۇرىي يېگۈزگەن. خادىملار چوشقا گۆشىنى بېرىشتىن ئاۋۋال مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقى، چاغان مەزگىللىرىدە خىتايلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ لاگېردىكى مەزگىلدە مانا مۇشۇنداق مۇناسىۋەتكە ئۆزىنى تەييارلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. دەسلەپتە گۈلزىرە كۆڭلى ئېلىشىپ چوشقا گۆشى سېلىنغان تاماقنى قۇسۇۋەتكەن. بۇ چاغدا خادىملار ئۇنى «ئىدىيەڭدە مەسىلە بار» دەپ تەنقىد قىلغان ۋە داۋاملىق قۇسۇۋەتسە ئورنىنى يۆتكىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان. گۈلزىرە چوشقا گۆشى سېلىنغان تاماقنى ئامالسىز يېگەنلىكىنى ۋە ئاستا-ئاستا قۇسمايدىغان بولغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گۈلزىرەنىڭ دېيىشىچە، لاگېردىكىلەرگە گۆشلۈك تاماقلار ھەر كۈنى ئەمەس، ئارىلاپ بېرىلگەن. كۆپىنچە ھاللاردا قۇرۇق گۈرۈچ بىلەن قىزىل قوناق يېگۈزۈلگەن. لاگېردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆيىدىن ئەكەلگەن نانلىرىنى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۆتۈنۈپ بەرگەن چاغدىلا، گۈلزىرە كامېرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ۋە ناننى ئالغىنىدا پۈكلەپ تىقىپ تۇرۇپ يېگەن. گۆلزىرە يەنە لاگېرغا دەسلەپتە ئاپىرىلغاندا چوشقا گۆشى بېرىلمىگەنلىكى، ئەمما ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن تامىقىنىڭ بارغانسېرى ناچارلاشقانلىقى ۋە چوشقا گۆشىگە كۆندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن يىلى قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇ لاگېردىكىلەرگە چوشقا گۆشى بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما لاگېردىكىلەرنىڭ ھالال-ھارامنى ئايرىش ھەققىنىڭ يوقلۇقىنى، نېمە بەرسە شۇنى يېيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

گۆلزىرە ئۆزىنىڭ چوشقا گۆشىنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىپ ۋە ئاشقازىنى ئاغرىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى رەت قىلالمىغانلىقى، ئەكسىچە تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە لاگېرنىڭ تامىقىنى ياخشى دەپ ماختىغانلىقى، چوشقا گۆشى يېگەنلىكىنى يوشۇرۇپ، قوي ۋە كالا گۆشىدە بېقىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت