گۇۋادار پورتىدىكى ھۇجۇمنىڭ نىشانى خىتاي بولغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نامرات ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولغان بالوچىستاننىڭ گۋادار پورتىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مېھمانخانا.
پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نامرات ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولغان بالوچىستاننىڭ گۋادار پورتىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مېھمانخانا.
AFP

«بالوچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى» گۋادار پورتىدىكى ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ۋە ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:50 ئۆتكەندە 3 نەپەر قۇراللىق كىشى پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نامرات ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولغان بالوچىستاننىڭ گۋادار پورتىدىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 كىشىنى ئۆلتۈرگەن. پاكىستاننىڭ ساقچى ۋە ئارمىيەسى مېھمانخانىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 1 سائەتتىن ئارتۇق قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئاخىرىدا بالوچىلارنىڭ ئوقى تۈگەپ، پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.

«بالوچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان بىر قۇراللىق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانىنىڭ خىتاي ۋە باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. پاكىستان باش مىنىستېرى ئىمران كھان بۇنى «تېرورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغان ۋە تېرورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، «ئۇلارنىڭ پىلانىنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى قويمايمىز» دېگەن.

خەۋەرلەرگە كۆرە، بالوچىلارنىڭ خىتاينى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھۇجۇمى تۇنجى قېتىملىق ھادىسە ئەمەس. 2012--يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بالوچىستاندىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان گۋادار پورتىنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغاندىن بۇيان خىتاي ئىشچىلىرى ۋە تېخنىك خادىملىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

2017-يىلى 2 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنى گۋادار پورتىدا ئېتىپ تاشلىغان بالوچىلار 2018-يىلى 8-ئايدا خىتاينىڭ بىر ئاپتوبۇسىغا قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاينىڭ كاراچىدىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 6 نەپەر خىتاي ئىشچىنى ئۆلتۈرگەن.

بالوچىلار نېمە ئۈچۈن خىتايلارغا قارشى ھۇجۇم قوزغايدۇ؟

بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۋادار پورتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شېرىن چۈشى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈگىنى بولۇپ، قەشقەردىن باشلانغان بۇ «يېڭى يىپەك يولى» چوقۇم گۋادار پورتىدىن ئۆتىشى لازىمكەن. ئەمما خىتاي بۇ پورتقا نۇرغۇن مەبلەغ سالغىنىغا قارىماي، يەرلىك خەلق بولغان بالوچىلار بۇنىڭدىن قىلچە مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار كەبى خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئەسىر بولۇپ قېلىش تەھدىتىنى بارغانسېرى چۇڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالوچىستان خەلقى ئۇيغۇرلاردىن قالسا خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» غا يوشۇرۇنغان تاجاۋۇزچىلىق شۇم نىيىتىنى ئەڭ ياخشى چۈشەڭەن بىر خەلق ئىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بالوچىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىپ قالغان پاكىستاندىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش ئارزۇسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلار بالوچىستاندا «بالوچىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نامىدا خىتايغا قارشى قوراللىق ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى يالغۇز ئىقتىسادىي پىلان بولۇپلا قالماستىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنە خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنى دۇنيادا ھۆكۈمران قىلىش پىلانى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بالوچىلارنىڭ غەربتىكى سىياسىي تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك پىلانى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ب د ت دا تۈرلۈك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتايغا بولغان قاتتىق ئېتىرازىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. «دۇنيا بالوچىلار قۇرۇلتىيى» ناملىق تەشكىلات 2017-يىلى 5-ئايدا ب د ت دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت