ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-20-ئاۋغۇست)

ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى يۈسۈپ بېك مۇخلىسىنىڭ ۋاپاتى بىلەن قايغۇغا چۆمگەن كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھرىدە “جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى” ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سەنئىتى، مىللى ئورپ-ئادەتلىرى، نەشىرياتچىلىقى، ساياھەت ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ئەتراپلىق ھەم جانلىق تەشۋىق قىلىنغان. لېكىن، مەزكۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەتىراپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تىلىغا ئورۇن بېرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە ئۇيغۇر مىللى ناخشا-مۇزىكىلىرى كۆرسىتىلمىگەن بولۇپ، ئىمكان قەدەر شىنجاڭنىڭ 47 مىللەت ياشايدىغان كۆپ مىللەتلىك رايون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان. ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ ئېچىلىش مۇراسىمى، سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە باشقىلاردا پۈتۈنلەي خىتاي تىلى بىلەن قازاق، رۇس تىللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا ئورۇن بېرىلمىگەن.

ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا؛ بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك پائالىيەت بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى قازاقىستان ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلەردە قانداقلا بولمىسۇن خىتايلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلارغا مەلۇم رەۋىشتە يۇقىرى ئورۇن بېرىلگەن بولسا، بۇ قېتىم بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوم پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئىدېئولوگىيىگە مەنسۇپ ئەمەلدارى مەزكۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ رەھبەرلىكىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇيغۇر سىياسىي كۈزەتكۈچىلىرى، بۇنى خىتاينىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە؛ بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىنى تامامەن قاتتىق قوللۇققا ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل ۋاشىڭتوننىڭ گۇئانتانومودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرلىرىنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ۋاشىڭتوننىڭ تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىپ، تېرورچى كۈچلەرگە خاتا سىگنال بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ يەنە بۇ تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دەرھال خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، ئامېرىكا تەرەپ ئۇلارنى ئۇچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋاشىڭتوننىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ بۇنىڭدىن رازى بولغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن جامائەت خەۋپسىزلىكى دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان خوتەنلىك دىنى ئۆلۈما ئابدۇل ئەخەت بارات مەخسۇم يېقىندا خوتەن خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىنغا “مەدرىس ئېچىپ بالا ئوقۇتۇش، دىنىي تەبلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان” دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.

74 ياشلىق ئابدۇل ئەخەت بارات مەخسۇم 4 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇ، 30-يىللاردىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق تارىخچى ۋە سىياسىي ئەرباب مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ئىكەن. ئابدۇل ئەخەت مەخسۇم 1958-يىلى بۇغرانىڭ “شەرقى تۈركىستان تارىخى” ناملىق كىتابىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان ئىكەن.

شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىي مىللى بىرلىك سېپىنىڭ رەئىسى يۈسۈپ بېك مۇخلىسى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخەن شەھرىدە 14-ئاۋغۇست كۈنى مەۋلۇت مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. “مىللى كۆرۈش “ مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇراسىمغا كۆپلىگەن تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا مەۋلۇت ئەھلىگە مۇخلىسى ئەپەندىنىڭ كۈرەش ھاياتىدىن مەلۇمات بەردى.

ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدا خىتاينىڭ يېڭىلىپ قېلىشى بىلەن قوزغالغان قارشىلىشىشلار داۋاملاشماقتا. 15-ئاۋغۇست كۈنى 4 نەپەر ياپونىيە ئىچكى ئىشلار كابىنېت مىنىستىرى بىلەن 58 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى توكيودىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى قۇربانلىرى قەبرىستانلىقتىن زىيارەت قىلغان. بۇ ئەھۋال بىلەن خىتاي تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لىپېڭ 1989-يىلىدىكى تىئەن`ئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ دېڭ خىئائوپىڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىغان. لىپېڭنىڭ بۇ پىكرى ئۇنىڭ “ئەمەلىيەت” ناملىق جۇرنالدا ئېلان قىلىنغان “يولداش دېڭخىئائوپىڭنى خاتىرىلەش” ناملىق ماقالىسىدە ئىپادىلەڭەن ئىكەن.

ئامېرىكا پرىزدېنتى گورجى بۇش دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياۋروپا ۋە شەرقى ئاسىيادىكى 70 مىڭ كىشىلىك قىسىمىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى، زور كۆلەملىك ھەربىي تەرتىپكە سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى جانلانماقتا. 17-ئاۋغۇست كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ 150 گە يېقىن ئەسكىرى قازاقىستان قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كېلىپ، بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى.(ئۈمىدۋار)