ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-27-ئاۋغۇست)

27- ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆڭۈلسىز بىر كۈن سۈپىتىدە تارىخقا پۈتۈلگەن بولۇپ، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ مۇنۇنوپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، دەلىلقان سۈگۈربايەپ قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭدىكى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا تاپقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار تېخى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە كېيىن ئاشكارىلانغان پاكىتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا؛ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئايروپىلان ھادىسىسىدا ئەمەس، بەلكى ماۋزېدۇڭ بىلەن ستالىننىڭ پۈتۈشىشى ئارقىسىدا موسكۋادا ئۆلتۈرۈلگەن. چۈنكى، ئۇلار ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ سىياسى شەرتىنى قوبۇل قىلمىغان ئىكەن.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن 27-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىڭتون شەھىرىدىكى ئاقساراي ئالدىدا شەرقى تۈركىستان ئازادلىق مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتتە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سۈيىقەست بىلەن قازاغا ئۇچراش جەريانى سۆزلەندى.

مەركەز رەئىسى ئەنۋەر يۈسۈپ ۋە سىياسىيون سىدىق ھاجى رۇزى ھەمدە ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى د ج مەگەيەر قاتارلىقلار سۆزگە چىقتى.

مەگەيەر ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقى تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 55 يىل ئىلگىرى ماۋزېدۇڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تېررورلۇق ھەركەت ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى شەرھىلىدى.

سىياسىيون سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى بولسا،يالتا يىغىنى ۋە ماۋزېدۇڭ بىلەن ستالىننىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يوقۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تامامەن سۇيىقەست بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

8-ئاينىڭ 23-كۈنى 1969-يىلى يۈز بەرگەن شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاخۇنوپ باشلىق قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 35 يىللىقىدۇر. ئاتۇشنىڭ قارا جۈل دېگەن يېرىدە بولغان بۇ توقۇنۇشتا ئاخۇنوپ، ھەيرۇللا، ئوسمانجان ، نىزامىدىن ۋە مەريەم قاتارلىق 5 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن ، قالغان 20 كىشى قولغا چۈشكەن،

بۇ ۋەقەدىن كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاشلار باشلانغان بولۇپ، نەتىجىدە "شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى" نامى بىلەن كۆپلىگەن ئادەملەر تۈرمىگە تاشلانغان ھەمدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدە يېقىندا شۇ جايدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن “ ئىستىقلال” نامىدا سىياسىي، ئىجتىمائىي گېزىت چىقىرىلىشقا باشلىغان.

قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئىستامبۇل شەھرىدە ئويۇن قويغان. ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى 300 دەك ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنى تەشكىللەپ، ئىستامبۇل بوغۇزىنى پاراخوت بىلەن سەيلە قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىروۋنىڭ 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر دۆلىتى ئىدىقۇت خانلىقى ھەققىدىكى ئىككى توملۇق تارىخىي رومانى "ئىدىقۇت" يېقىندا قازاقىستان "يازغۇچى" نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان.

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قېزىش ئىشلىرىنى جىددىلەشتۈرمەكتە. ئۇلار بۇ يەردىكى نېفىت مىقدارىنىڭ 20 مىليارد توننىدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.يېقىندىن بۇيان تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىلىرىدا يەنە يېڭى نېفىتلىكلەر تېپىلغان.

ئۆتكەن ھەپتىدە غەرىپ دۇنياسىدىكى ئاتاقلىق گېزىتىلاردىن بىرى "ئىقتىسادشۇناس"تا "شىنجاڭ ئۆلكىسى خەنزۇلاشتۇرۇلماقتا" دەپ ئاتالغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

دۇنيا بانكىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارۋىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 4 يۈز مىليون يۈئان مەبلەغ ئاجراتقان. دۇنيا بانكىسى ئىلگىرىمۇ مۇنداق خىلدىكى مەبلەغلەرنى ئاجراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرى مەزكۇر ياردەملەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە بىۋاستە مەنپەئەت كۆرسەتمەستىن بەلكى، خەنسۇلارغا پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلغىچە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى شۇنىڭدەك خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتمەكتە، يېقىندا خىتاينىڭ دادە تەرەققىيات شىركىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىرلىشىشى ئاستىدا بىشكەك شەھرىدە "بۈيۈك تاڭ جۇڭگو ماللىرى تارقىتىش مەركىزى" قۇرۇلغان. ئىلگىرى، بىشېكتىكى سودىدا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق رول ئوينىغان ، ئۇيغۇرلارنىڭ توپ مال تارقىتىش بازارلىرى بار ئىدى. بۇ بازارلاردىن “تۇربازا” 2002-يىلى كۆيدۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ سودا كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)