ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل ئەپەندى مۇنداق دېگەن؛ " گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە. بىز گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تېرىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ. بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈچىنچى دۆلەت تېپىشقا تېرىشىۋاتىمىز. ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز”. ئىلگىرى، ئامېرىكا دائىرلىرى بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى "خاتا جايدا، خاتا ۋاقىتتا تۇتۇلغانلار" دېگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قاتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىگە خىتايمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بېيجىڭ ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ۋاشىنگتوندىن تەلەپ قىلغان. ئەمما، ۋاشىنگتون بۇنى رەت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شىۋىتسىيىنىڭ مالو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "يېشىللار پارتىيىسى"نىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رېشىت، باش تەپتىشى كۈرەش كۈسەن ۋە يەنە باشقا بىر نەپەر ۋەكىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتى. يېشىللار پارتىيىسى ئىلگىرىدىنلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. يېشىللار پارتىيىسى شىۋىتسىيە پارلامېنتىدا 16 نەپەر ئەزاسى بار بولغان چوڭ پارتىيەلىرنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى لوتا نىلسون خانىم يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ " ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسى"نامىدىكى مەخسۇس ئىنتېرنېت سەھىپىسىنى 11-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن يولغا قويدى.
رەسمى خەۋەرلەرگە قارىغاندا 21-ئىيۇل كۈنى شايار ناھىيىسىدە ئەخمەت تاش ۋە لوقمان مەمەت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە 18 نەپەر ئۇيغۇر ھەر خىل يىل ئۆلچىمىدىكى تۈرمە جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى مۇددەتسىز كېسىلگەن. خىتاي دائىرلىرى ئەخمەت تاش بىلەن لوقمان مەمەتنى " شەرقى تۈركىستان خەلق پارتىيىسى" دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى دەپ ئېلان قىلغان. شۇ جايدىكى ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ "شەرقى تۈركىستان خەلق پارتىيىسى" ناملىق بۇ تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر ئەزالىرى بۇنىڭدىن 4-5 ئاي ئىلگىرى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي سوتى ئۇلارغا "قورال ساقلىغان ۋە ياسىغان" دېگەن جىنايەتنى ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەر ۋەقە سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە مائارىپنى كۈچەيتىشنى جىددىلەشتۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىئۇيى 8-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەملىكەتلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، كېلەركى 5 يىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ 500مىليون يۇئەن ئاجرىتىپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرەلەيدىغان 50 مىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئاشكارا ھالدا خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ يەرلىك مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 340 مىڭ ئوقۇتقۇچى بارلىقى، بىۋاسىتە دەرس بېرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 230 مىڭ ئىكەنلىكى، خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرەلەيدىغانلارنىڭ سانىنىڭ %60 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا ۋەكىللىرى قەشقەر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، قىرغىزستانغان يۈرۈپ كەتكەن.