ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-ئاۋغۇستتىن 3- سېنتەبىرغىچە)

خەۋەرلەرگە قارىغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن قىسقا مەزگىللىك ئاغرىقتىن ياخشىلىنىپ، 28-ئاۋغۇست كۈنى خىزمەتكە قايتا كىرىشكەن. ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ئاغرىپ قېلىشى جامائەتچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تامامەن ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەسلەپكى پائالىيەتلىرى باشلانغان. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى سودا –ئىقتىسادىي ئالاقىلەر جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىگە يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك ئوبلاستى، كېمەروۋ ئوبلاستى ۋە باشقا رايونلىرىدىن تەركىپ تاپقان رۇسىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ سىبىرىيە بۆلۈمىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ۋاڭ لېچۈئان قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە پەن –تېخنىكا ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە قول قويۇلغان. ئىسمايىل تىلىۋالدى رۇسىيە پرىزدېنتىنىڭ سىبىرىيە فېدېرال ھۆكۈمەتتە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن تېررورىزىم، مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەم دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىشتا داۋاملىق قوللاشنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى كارىز تەتقىقات جەمىيىتى يىغىن ئېچىپ، كارىزلارنىڭ كەلگۈسى 23 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە؛ ھازىر ھەر 20 كۈندە بىر كارىزنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە. كارىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي سۇغۇرۇش ئەن`ئەنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتايلار ئۇنى “يەر ئاستى سەددىچىن” دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى. دۇنيادىكى مەزكۇر يىگانە قۇرلۇشنىڭ خۇددى مىسىرلىقلارنىڭ ئەل-ئېھرامى، خىتاينىڭ سەددىچىنى ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا يۇقىرى مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى غەرىپنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمى يوسۇندا گاز يەتكۈزۈشنى باشلىغان. ئۇزۇنلۇقى 4 مىڭ كىلومەتەر كېلىدىغان مەزكۇر گاز تۇرۇبىسىغا جەمىي 2 مىليارد 2 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى مەزكۇر تۇرۇبا ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ شەرقى قىرغاقلىرىغا يىلىغا 12 مىليارد كۇپ مېتېر تەبىئىي گاز يۆتكەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشلەرگە قارىغاندا تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ مىقدارى 8 ترىلىيون 4 يۈز مىليارد كۇپ مېتېرغا يېتىدىكەن.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيەت ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لوگان ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، مۇقىملىق مەسىلىسىدە توختالغان ھەمدە ئاتالمىش مىللى بۆلگۈنچىلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە ئۆلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىغان. مۇلاھىزىچىلەر قارىشىچە؛ لوگاننىڭ بۇ سەپىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئۆتكەن ھەپتىدە رۇسىيىنىڭ شىمالى ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بېسلان شەھرىدىكى بىر مەكتەپ چېچەن قوراللىق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغاندىن كېيىن، خەلقارا جەمىيەت ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا چېچەن پىدايىلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆز ئەسكەرلىرىنى چېچەنىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش ھەققىدە تەلەپ قويغان. مەلۇماتلار تۈرلۈك بولۇپ، بەزىلەر 400 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ گۆرۈگە قېلىنغانلىقىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلەر بۇلارنىڭ سانىنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. 3-سېنتەبىر كۈنى مەكتەپ بىناسىغا ھۇجۇم قىلىنىپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلار قۇتۇلدۇرۇلغان بولسىمۇ، لەكىن 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە كۆپلىگەن ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە، بىراق بۇ سانلارنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئافىنادىكى ئولىمپىك يىغىنى ئاخىرلىشىپ، خىتاي 2008-يىلىدىكى ئولىمپىكنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقارا جەمىيەت خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، 2008-يىلىغىچە ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي دېموكراتلىرى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

يېقىندا دۇنيادىكى 10 چوڭ دىكتاتۇرنى باھالاپ چىققان خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ئۆيى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتائونىڭ دۇنيا يۈزىدىكى ئون چوڭ دىكتاتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ئالدىنقى قاتاردىكى بۇ دىكتاتۇرلارغا شىمالىي كورېيە رەئىسى كىم چوڭ ئىل ۋە بىرما ھۆكۈمەت رەھبىرى قاتارلىقلار كىرىدىكەن.

ئۆتكەن ھەپتىدە كابۇلدا پارتىلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 10 ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللىرى سودىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەڭەن. نوۋەتتە، خىتايغا يادرو قوراللىرى سېتىپ بېرىشنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلەر ۋە توساقلار بىكار قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، پرىزدېنت گېئورگى بۇش بۇ يىلقى سايلامدىكى پرىزدېنت نامزاتلىقىغا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرىزدېنتى دېچك چېنني بولسا، بۇ قېتىمقى سايلامدىكى مۇئاۋىن پرىزدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. پات يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت باشلىقىنى بېكىتىش سايلىمى بولماقچى ئىدى. دېموكراتلار ۋەكىللىرىدىن جون كېرري پرىزدېنتلىق نامزىتىغا كۆرسىتىلگەن. (ئۈمىدۋار)