ئۇيغۇر خەۋەرلىرى
خىتاي دائىرلىرى 9- سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۇبادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىككى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانماسلىقىنى دەۋەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل گۇۋانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈركىيىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ 11- نۆۋەتلىك يىغىنى رومىنىيىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى كۈسەنچى شەھىرىدە چاقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا ئۈزۈش باشلانغاندىن بۇيان ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئىچكىرى خىتايدىن كۆپ ساندا ئاققۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى پاختا ئۈزۈشكە سالغان. بۇ ئاققۇن خىتايلار ئاساسلىقى سىچۇەن، خېنەن ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىمۇ مەجبۇرىي تۈردە شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىكى بىڭتۇەننىڭ پاختىلىرىنى ئۈزۈش ئەمگىكىگە سېلىش ئۈچۈن يۆتكەش باشلانغان بولۇپ، بۇ ھاشار تۈسىنى ئالغان. پاختا ئۈزۈشكە قاتناشقان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ پاختا تەرگىلى كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۇرالغۇ –جاي، يېمەك –ئىچمەك ھەققىنى ئۆزلىرى زىممىسىگە ئېلىش بەدىلىگە ھەر كۈنى ئۆلچەمدىن ئاشقان ھالدا ئىشلىسىمۇ، ئۇلارغا ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدە ئىش ھەققى بېرىلگەن، بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ چىقىملىرىغا يەتمەيدىكەن. بىراق، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرى بولسا، ھەر يىللىق پاختا ئۈزۈشنى ياخشى پۇل تېپىش پۇرسىتى دەپ بىلىدىكەن. چۈنكى، ئۇلارغا ئۆلچەملىك ھەق بېرىلىدىكەن.
خىتاي نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىدىغان 1مىليارد 760 مىليون دوللىرى قىممىتىدىكى ئىككى چوڭ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى 8- سېنتەبىردىن ئېتىبارەن رەسمى باشلىغان. بۇ ئىككى قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1550 كىلومېتىر بولۇپ، پىچاندىن لانجۇغا تۇتاشتۇرىلىدىكەن.بۇنىڭدا ھەر يىلى 20 مىليون توننا نېفىت يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1840 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن لانجۇغا تۇتاشتۇرۇلىدىكەن، بۇ لىنىيە ئارقىلىق ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت توشۇغىلى بولىدىكەن.
خەلقئارا خەۋەرلەر
بۇ يىل ، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11- كۈنى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىگە ئۈچ يىل توشىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرگە ئىگە بۇ پاجىئەلىك تېررورلۇق ۋەقەسىدە نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، تېررورىزمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان. 11-سېنتەبىر كۈنى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە بۇ پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ ئۈچ يىللىقى خاتىرىلەندى. نىيۇ-يورك، ۋاشىڭتون شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرە پائالىيەتلىرىگە ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرى، مىڭلىغان خەلق شۇنىڭدەك قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئىشتىراك قىلدى.
رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېسلان مەكتىپىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسى 350 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشىدەك ئېغىر پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا چېچەن كرىزىسى ۋە رۇسىيىدىكى تېررورىزم مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار ئېلان قىلىنماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە پرىزدېنتى پۇتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چېچەن مەسىلىسىنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان شۇنىڭدەك چېچەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئارسلان مەشەدوۋ بىلەن شامىل باسايېۋنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلەرنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل ۋاشىڭتوندىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا ماتەم بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ مەسىلىدە ۋاشىڭتون بىلەن موسكۋا ئارىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى كېلىپ چىققان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ پۇتىنگە خەت ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ “رۇسىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى” بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراققا كىرگەندىن بۇيان قازاغا ئۇچرىغانلىرىنىڭ سانى 1000 غا يەتكەن. ئىراقتىكى توقۇنۇشلار يەنىلا داۋام قىلماقتا.
خىتاي ساقچىلىرى خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى ھارپىسىدا ئەرز سۇنغىلى كەلگەن 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان. بۇ ئۇچۇرنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تارقاتقان.
قىرغىزىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇيېر قۇلۇپ باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش شىتاب رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا خىتاي بىلەن قىرغىزىستانىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەنگەن. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلاردا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىغا بىرلىكتە زەربە بېرىش مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.(ئۈمىدۋار)