ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-8 ئۆكتەبىر)

ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى 108 بەتلىك 2004- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆتكەن بىر يىلدا ئىنتايىن ناچارلاشقان بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل تۈردە ئاياق ئاستى قىلغان. دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جىم لىچ مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتايدىكى بۇ خىل ناچار ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن.

"بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار، خرىستىيانلار ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز"

ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىپلىشىگە نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى كوڭچۇئان نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى شەرھلىگەن.

7-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ "دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى باھالاش " بويىچە گۇۋالىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى گۇۋالىق بېرىپ، بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ھەركىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشىدىن كېيىن، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈپ، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ جايدىكى تەرەققىياتنىڭ خىتايلار ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقۇتۇلۇشقا يۈزلەندۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

دىلشات رېشىت بىلەن ئوخشاش تەنقىدىي كۆز قاراشنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىيونى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندىمۇ تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرلىرىنى "ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مىللىي مائارىپىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇندى" دەپ كۆرسەتتى.

7-ئۆكتەبىر كۈنى "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ غەربىنى ئېچىش پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ماقالىدىمۇ، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ پىكرىگە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۆتكەن ھەپتىدە تۈركىيە -خىتاي پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپا ھەيىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھرىدە زىيارەتتە بولغان. بۇ ئۆمەكنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خوجىخان ھاكىموف قارشى ئېلىپ، خىتاي -تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلىتىشنى ئېيتىپ ئۆتكەن. ئۈرۈمچى دائىرلىرى تۈركىيە ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن، ئەمما تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئالغان تەسىراتى باشقىچە ئىكەن.

ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى رۇزى مۇھەممەد ئابدۇلباقى ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستاندا مۇنداق مۈمكىنچىلىكنىڭ يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەلقارا خەۋەرلەر

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتى دىك چېنى بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان مۇئاۋىن پرىزدېنت كاندىداتى جون ئەدۋارد ئوخايو شىتاتىدا مۇئاۋىن پرىزدېنتلىق نامزادلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ئېلىپ باردى. ئۆتكەن ھەپتىدە پرىزدېنتى كاندىداتلىرى بۇش بىلەن كېرري ئەپەندىلەرمۇ ئاشكارا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدە ياپونىيىنىڭ توكيو شەھرىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا سىنتارۇ خىتاينى ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىد دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سىنوۋ خىتاينى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى. ئۇ، پۇل قىممىتىنىڭ بازار باھاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن بولغان ھازىرقى ئالماشتۇرۇش قىممىتىدىن نارازى بولغان.

ئافغانىستاندىكى سايلام ئىشلىرى داۋاملاشماقتا. ئافغانىستاندىكى مۇخبىرىمىز بۇ جايدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى ، كىشىلەرنىڭ سايلام جەرىيانىدا ۋەقەلەرنىڭ چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

رۇسىيە قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقى ئېلان قىلغان. رۇسىيە تەرەپ قىرغىزىستاندىكى مەزكۇر بازىدىكى ئەسكەر سانىنى مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ، ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، ھازىر بىشكەك ئەتراپىدا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى بىلەن رۇسىيە بازىسىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيىتى شەكىللەڭەن.