ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-22 ئۆكتەبىر)
2004.10.22
شۋېتسىيىدە ئۇيغۇر كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
سكاندوناۋىيەدىكى شۋېتسىيىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. "ناتونۇش دۇنيا" دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى جەريانىدا ئۇيغۇر رەسسامى قەيسەرنىڭ يېڭى ئىجادىيەت مېۋىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كومپوزىتور كۈرەش كۈسەن ئىجاد قىلغان “شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى" 30 كىشىلىك ئوركېستىر تەرىپىدىن ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.
ئاتاقلىق ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنىدا سۆزلىدى
ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ تونۇلغان ئاتاقلىق ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا فاكۇلتېتى مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن.
مەزكۇر پېشقەدەم ئالىم ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ 30-40- يىللاردىكى ھايات مۇساپىسى ھەققىدە دوكلات قىلدى، ئۇنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ زور دەرىجىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.
ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىغا ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئالىم قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭدا مەخسۇس تۈردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭغا ئامېرىكا مۇتەخەسىسلىرىدىن جامېس مىللىۋارد، ستانلەي توپىس، جونەسىن لىپمان، گاردنېر بوۋىڭدون قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلىرىدىن نەبىجان تۇرسۇن "ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نۇقتىنەزەرلىرى"، دىلبەر قەھرىمان " ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىككى تەرىپى" دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان.
قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 70 يىللىقى ئۆتكۈزۈلدى
16-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى. داغدۇغىلىق مۇراسىم قازاقىستان دۆلەت مارشى ساداسى ئاستىدا باشلاندى ھەمدە تىياتىر رەھبىرى قازاقىستان خەلق ئارتىسى مۇرات ئەخمىدى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
1934-يىلى دۇنياغا كەلگەن بۇ تىياتىر دەسلەپتە "كۆك كۆينەكلىكلەر"، "سەنئەت ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى" دېگەندەك ناملار بىلەن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئارتىسلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 70 يىللىق ئۇزۇن مۇساپىسى جەريانىدا ئۈچ قىيىن باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. بىرىنچى 1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتى. ئىككىنچى باسقۇچ؛ 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت –گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلى، ئۈچىنچىسى بولسا، سوۋېتنىڭ يىمىرىلىشى ۋە قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 10 نەچچە يىل.
بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئارتىسلىرى ستالىننىڭ سىياسىتى ۋە ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە باشقا ئامىللار تىياتىرنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى بوغدى. تىياتىر بىناسى تاقالدى. ئاخىرى، 10 يىلغا سوزۇلغان ئىئانە توپلاش ۋە باشقا رەسمىي ياردەملەر نەتىجىسىدە تىياتىر بىناسى قايتا ياسالدى. بۇنىڭغا پرىزدېنت نازاربايېۋ قاتناشقان ھەمدە مانا ئەمدى ئۇنىڭ 70 يىللىق تويى ئۆتكۈزۈلگەن.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن قۇددۇس غوجامياروپ، مەخپىر باقىيېۋ، رۇشەڭۇل ئىلاخۇنوۋا قاتارلىق كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئارتىسلار، مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىققان .
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز تىياتىرىنىڭ 70 يىللىق تويىنى خاتىرىلەۋاتقان بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى باشلاندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئايلارنىڭ سۇلتانى ھېسابلانغان مەزكۇر رامزان كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدە چارۋا –ماللاردا تۇياق- ئېغىز ياللۇقى تارقالدى
ئۇيغۇر ئېلىدىن يېتىپ كەلگەن يەنە بىر خەۋەر شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە قوي –كالا قاتارلىق چارۋا –ماللاردا تېز يۇقۇدىغان بىر خىل كېسەللىك پەيدا بولغان ئەمما، خىتاي دائىرلىرى كونترول قىلىش چارىلىرىنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن مەخپىي تۇتقان. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان چارۋىچىلار ھەمدە ئاھالىلارنىڭ تەشۋىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. خىتاي دائىرلىرى بۇ خىل ۋىرۇسنى 5-نومۇرلۇق كېسەل دەپ ئاتىغان.
خىتاي ساقچىلىرى چوڭچىڭدىكى توپىلاڭ مۇناسىۋىتى بىلەن 40 ئادەمنى قولغا ئالدى
خىتاي ساقچى دائىرلىرى پەيشەنبە كۈنى چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن نارازىلىق كۆتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن 40 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بىر ئۆزىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار دەپ ئاتىۋالغان كىشىنىڭ مېۋە بازىرىدا قىلغان زوراۋانلىقى سەۋەب بولغان بۇ كۆتۈرۈلۈشكە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم قىلىنماقتا. خىتاي كۈزەتكۈچىلىرى بۇنى خىتاي كوم پارتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن پۇقرالىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايدىكەن
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا خىتاينىڭ 1964-يىلىدىكى تۇنجى ئاتوم سىنىقىدىن بۇيان يادرو قوراللىرىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز راۋاجلاندۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ ماتېرىيالى 71 پارچە دوكلاتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە رىقابەت يارىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۈچ ئارالنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى چېگرا جىدىلىگە خاتىمە بېرىپ، ئامۇر دەرياسىدىكى چوڭ ئۇسسۇرىيسىكىي، تاراباراي ئارىلى قاتارلىق ئۈچ ئارالنى تەڭ بۆلۈشكە قوشۇلغان. لېكىن، بىر قىسىم رۇسىيە سىياسەتچىلىرى پۇتىنىڭ بۇ كېلىشىمگە قول قويۇشىغا نىسبەتەن نارازى بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر كۈنى پائالىيىتىدە كۈرەش كۈسەن ئىجاد قىلغان ئىستىقلال مارشى ئورۇنلاندى
- ئىمىن تۇرسۇن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردى
- قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 70 يىللىقى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋا - ماللارغا غەيرى كېسەللىك تارقالدى
- خىتاي ساقچىلىرى چوڭچىڭدىكى توپىلاڭ مۇناسىۋىتى بىلەن 40 ئادەمنى قولغا ئالدى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۈچ ئارالنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-8 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24 سېنتەبىر)