ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-29 ئۆكتەبىر)ئۇيغۇر خەۋەرلىرىخەلقئارا خەۋەرلەر قىسقا خەۋەرلەر

ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دولقۇن ئەيسا خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن “ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئايرىمىچىلىقى ۋە ئىرقچىلىق” دېگەن تېمىدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي ۋە مىللىي كەمسىتىلىشلەر ھەققىدە دوكلات بەردى. 28 د؟لەتنىڭ 800دىن ئارتۇق ۋەكىللىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىلىگە س؟ز بېرىلىشىنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى دولقۇن ئەيسا يىغىن ئەھلىنى 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان تۈرلۈك مىللىي مەسىلىلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى پاكىستانغا رەھمىتىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۆتكەن ھەپتىدە ھىندىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىككى مەملىكەت دائىرلىرى بىلەن كەڭ ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى . ئۇ ، پاكىستاندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشىغا كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستان زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇ ھىندىستان دائىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئالاقىلارنى ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدىيىۋى تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە

24-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جياڭ شۇمىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىكى ئاساسىي نىشانى” دەپ كۆرسىتىش بىلەن بۇ ساھەنىڭ دۈشمەن كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئاساسىي سەھنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرلىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامان ھاجى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئامان ھاجى ۋە ئۇنىڭ كانادىن چاقىرتىلىپ كەلگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، تۇيۇقسىز تۈرمىدە ۋاپات بولغان ئىنىسى ئىلشات ۋەقەسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار ۋە گۇمانلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قەشقەردىن خوتەنگە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇش پىلانلانماقتا

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىن خوتەنگە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. بۇ ھەقتىكى خىتاي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە؛ تۆمۈر يولنى خوتەنگە تۇتاشتۇرۇش مۇقىملىق ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

كانادادا يەنە بىر ئۇيغۇر سىياسىي پانالىق تىلىدى

ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى كانادادا قېلىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئەكبەر ئىسىملىك مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ يولنى تاللىغانلىقى ھەققىدە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد توختى ئەپەندى بۇنىڭ سىياسىي بېسىمدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى جۈمە كۈنى 7 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. بۇنىڭ تەركىبىدە ئاتاقلىق ئارتىست مۇرات ئەخمەدى ۋە كارخانىچى دىلمۇرات قۇزىيېۋ قاتارلىقلار بار ئىكەن.

گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان گۇئانتانومودا تۇتۇپ تۇرلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە. ۋاشىنگتون فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن سۆزلەشكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رادىئو مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. يەنى ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېلنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئىكەن.

ئۇيغۇر قىزى ئامانگۇل ئولىمپىككە تەييارلانماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە ھاياتىغا ئائىت بىر يېڭى خەۋەر شۇكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن كېلىپ چىققان ئامانگۈل ئىسىملىك يۈگۈرۈش ماھىرى خىتاي تەنتەربىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا تاللانغان. ئۇ 100 مېتىر ۋە 200 مېتىرلىق يۈگۈرۈش بويىچە كۆپ قېتىم چېمپىيون بولغان ئىكەن.

ھەجگە ماڭغانلار تۇتۇپ قېلىندى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ھەجگە چىقماقچى بولغان 31 ئۇيغۇر ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، پاسپورىتلىرى يىغىۋېلىنغان، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىدە ھەجگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان 43 ئادەم تۇتۇلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ ھازىر خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنى يوقىلىشى ھەمدە ھەمدە تۈرلۈك سىياسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قامال قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

خەلقئارا خەۋەرلەر

كولېن پوۋېل خىتايدا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سۆھبەت بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا خىتاينى ئەيىبلەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.

كولېن پوۋېل يەنە خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئۇ تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس دېگەن.لېكىن بېيجىڭ دائىرلىرى تەيۋەننىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەيۋەن پرىزدېنتى چېن شۇيبيەن سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

كولېن پوۋېلنىڭ تەيۋەن بىلەن خىتاينى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئۈندىشىنىڭ خىتاينىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جاڭ مىڭ چىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

"مەيلى كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىق بولسۇن ياكى تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش تەكلىپى كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسۇن، مەسىلە مېنىڭچە بىز تەرەپتە ئەمەس، مەسىلە چېن شۇيبيەننىڭ پوزىتسىيىسىدە".

قىسقا خەۋەرلەر

خىتاي ئۆتكەن ھەپتىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 65 شىمالىي كورىيىلىكنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلغان.

خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئۆتكەن ھەپتىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ سەۋەبى تەمىنات مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان ئىكەن.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياسسىر ئارافات كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ،داۋالىنىش ئۈچۈن فرانسىيىگە كەلگەن. بۇ مەسىلە خەلقئارا مىقيادا زور غۇل-غۇلىلارنى قوزغىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 29 -ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللىدى. بۇ مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ھاياتىدىكى زور يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.