ئۇيغۇر ۋەكىللىرى دۇنيا ھۇنلار بىرلىكى يىغىنىغا قاتناشتى
ئۆكتەبىرنىڭ 29- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە ۋېڭىرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشىتتە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ھۇنلىرى قۇرۇلتىيىغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن پەرھات مۇھەممەدى ھەم ئۈمىد ئاگاھى قاتارلىق ئىككى كىشى قاتناشقان. ئۇلار دۇنيا ھۇنلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
ئۈمىد ئاگاھى يىغىندا بەش مىنۇت ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۇنلار بىلەن تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا گۈلدىراس –ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئېيتىشىچە؛ ھۇنلار بىرلىكى بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. دۇنيا ھۇنلىرى بىرلىكىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى دوكتور يامىش ئەپەندى ئەركىن رادىئو ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى كۆرگەن ھۇنلار يىغلىشىپ،ئۇلارنى ۋېڭىرىيىگە كېلىشكە دەۋەت قىلغا ئىكەن.
دۇنيا ھۇنلىرى بىرلىكى چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 52 دۆلەتتە شۆبىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، ئىجتىمائى-ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئاممىۋى ئاساسى خېلى كۈچلۈك ئىكەن.
قازاقىستان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىندى
ئۆتكەن ھەپتىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ 7 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدا 5 كۈن زىيارەتتە بولغان.
بۇ ئۆمەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرى ئۇلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جۈملىدىن مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بېرىپ –كېلىشلەرنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
قىرغىزىستان ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ خاتىرە كۈنى
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ "ئىنتىزار" ناملىق ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرلىدى.
ئايدا بىر قېتىم ، 30 مىنۇت بېرىلىدىغان مەزكۇر ئۇيغۇرچە پروگرامما 1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
بۇ مۇراسىمدا يەنە كىشىلەر بىشكەك ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر پروگراممىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان.
دىنى كونتروللۇق كۈچەيتىلمەكتە
خىتاي تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا خىتاي كومپارتىيىسى پارتكوم يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىگە دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە؛ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدا دىنىي سورۇنلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش، يىلدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش، قانۇنىي جەھەتتىن تىزىمغا ئالدۇرۇش، مۇكاپات تارقىتىش ۋە باشقا كۆپلىگەن ماددىلار بار ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە CDپىلاستىنكىسى
يېقىندا ئۆزبېكىستانلىق ئاتاقلىق ناخشىچى سۇلتان مەمەتنىڭ "ۋەتەن" ناملىق ۋچد پىلاستىنكىسى ماريلاند شىتاتىدا نەشىر قىلىندى. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىكى زور ۋەقەدۇر.
گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەنە بىر قېتىم كۇبادىكى گۇئانتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيگۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرلىرى يەنە ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تەرەپ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىگە بولغان تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈشتى شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى مۇھىم نەتىجە دەپ كۆرسەتتى.
دېھقانچىلىق بېجى بىكار قىلىنىدىكەن
ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي رەسمى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 2005-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 30 نامرات ناھىيىسى ۋە 15 چېگرا ناھىيىلىرىدە دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلماچى ئىكەن. ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ ئەگەر ئۇنداق بولسا، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈئاڭە يەتمەيدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدا مەلۇم يېڭىلىقلارنىڭ بولۇشى پەرەز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەتنىڭ ئەمىلىلىشىشى ھەققىدە ھازىرچە بىر نەرسە دېيىش تەس ئىكەن.
خەلقارا خەۋەرلەر
ئامېرىكىدىكى پرىزدېنتى سايلىمى ئاخىرلىشىپ، نەتىجىدە پرىزدېنتى بۇش غەلبە قازىنىپ، يەنە 4 يىللىق مۆھلەت بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پرىزدېنتلىقىغا سايلانغان. دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان جون كېررىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى بۇشتىن كېيىن تۇرغان، بۇشقا تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت بىلدۈرگەن. بۇش ۋە مۇئاۋىن پرىزدېنتى دىك چېننىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، سايلىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كېلىچىكىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستاننىڭ پرىزدېنت سايلىمى ئاخىرلىشىپ، نەتىجىدە خامىد كارزاي ئافغانىستاننىڭ پرىزدېنتلىقىغا سايلانغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جوڭماۋ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن تۇڭگانلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلگەن 42 كىشى يارىدار بولغان. بۇ ماھىيە خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشالغان. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئازراق بىلدۈرمەكتە.
بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ ۋەقەدىن خەۋەر باشقا ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياردەمگە كەلگەن. تۇڭگان-خەنزۇ توقۇنۇشى ئىلگىرىمۇ باشقا ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يېڭى ۋەقە ئەمەس ئىكەن. (ئۈمىدۋار)