ئۇيغۇر خەۋەرلىرى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى
12- نويابىر كۈنى ئامېرىكا ، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەرگە تارقالغان ئۇيغۇرلار 1944- يىلى 12- نويابىردا غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى جورجى مەيسون ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن مېھمانلار ھەمدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە مەلۇم ساندىكى ئامېرىكىلىقلار بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە يەنە مىللىي ئىنقىلابقا ئائىت رەسىملەر، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي فورمىسى ۋە باشقا بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىندى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسى ھەم ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتلەر قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىلگەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلار ئورۇنلاندى. مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى ،مىللىي ئارمىيىنىڭ كاپىتانى، يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروپ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئېچىلدى
14- نويابىر كۈنى نىيورك شەھىرىدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇنىڭغا تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئامېرىكا، كانادا ، تۈركىيە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرو مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت،ئامېرىكىلىقلاردىن بولۇپ، 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. بۇ يىغىندا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن خىتاي دېموكراتلىرى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىك ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي دېموكراتلىرى بىردەك ھالدا خىتاي كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، ئۇ جايدىكى جىددىي مىللىي قارشىلىقلارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا پەيدا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 1989-يىلىدىكى بېيجىڭ تيەن ئەنمەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى شياڭ شياۋجى ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى؛ "مەن بىر خەن مىللىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن نومۇس قىلىمەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەپۇ سورايمەن"
بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلاردىن ئۆركەش دۆلەت، نۇرى تۈركەل، قاھار بارات ۋە تۇرسۇن ئىسلام قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تىرىشماقتا
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ نوپۇس، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئارتۇر دېۋېي ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانومودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يەنىلا 3- بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيە پۇقراسى نۇر پولات قازاقىستان تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
يېقىندا ئاۋسترالىيە ئابچ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاۋستارلىيە پۇقراسى ھېسابلانغان ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان نۇر پولات ئابدۇللانىڭ قازاقىستان تەرىپىدىن تېررورلۇق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقراسىنى ئازاد قىلىشىنى دەۋەت قىلدى.
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 18-19- نويابىر كۈنلىرى "ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاممىۋى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلىكلەر" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى .بۇنىڭدا ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىن "ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تارىختىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىكتە ئوينىغان رولى"، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئاممىۋى قارشىلىق" ۋە " خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى قانۇنسىزلىقى" قاتارلىقلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
خەلقئارا كەچۈرىم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسى يېقىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ لېچۇەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى
خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن 15-17-نويابىر كۈنلىرى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.ئۇ پرىزدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ ۋە باش مىنىستىر نوكولاي تانايېۋلارنىڭ كۆرۈشىشىگە ئېرىشتى. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمى خەۋەرلىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ قانداق سىياسىي مەزمۇنلاردا سۆزلەشكەنلىكى ئاشكارىلانمىغان ئەمما، ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كان بايلىقى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا خەۋەرلەر
بۇ يىل 101 مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
مەركىزى برىيۇسېلدىكى خەلقئارا ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بايانىتىغا ئاساسلانغاندا بۇ يىل يەر شارىدا 101 نەپەر مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ 10 يىلدىن بۇيان ئاخباراتچىلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن
ھىندىستان كەشمىردىن ئەسكەر چېكىندۈردى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان ئۆتكەن ھەپتىدە كەشمىر رايونىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە،1000 غا يېقىن ھىندىستان ئەسكىرى كەشمىرنىڭ جەنۇبىدىن چېكىنىپ چىقتى .بۇ ئۇنىڭ تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بۇ رايوندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى ھەمدە بۇ رايونغا 5 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، بەزى رادىكال تەشكىلاتلار ھىندىستاننىڭ بۇ قارارىنى ئۆزلىرىنىڭ كەشمىردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشكەن.
ئامېرىكىدا يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېكىتىلدى
ئامېرىكا پرىزدېنتى جورجى بۇش ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى كاندا لىزا رايىسنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق مەنسىپىگە بەلگىلىدى.
كاندا لىزا ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىك كىشىلەر ئىچىدىن چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككىنچى ئايال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. پرىزدېنت بۇش رايىس خانىمنىڭ خىزمەت قابىلىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئامېرىكىنىڭ كۈچى ۋە سالاپىتى ۋە شان شەرىپىنى كۆرۈ ئالالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دوكتور كاندا لىزا رايىس پرىدېنت بۇشنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن"
"تەكلىپ بويىچە سىزنىڭ يېتەكچىلىكىڭىزدىكى ھۆكۈمەتكە ۋە دۆلىتىمگە خىزمەت قىلىش مېنىڭ پەخرىم، قەدىرلىك دوستۇم كولىن پوۋېلنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىغان ئىدىم، كولىن پوۋېل دۆلىتىمىز تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر دۆلەت خادىملىرىنىڭ بىرى" كاندا لىزا رايىس خانىم 26 يېشىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىي بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، 6 يىل پروفېسسورلۇق قىلغان. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى مەسىلىسى مۇتەخەسىسىدۇر.
خىتاي ياۋروپا بىرلىكىگە نارازى بولدى
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال-ياراق چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باغلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. چۈنكى، ياۋروپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلانمىغىچە خىتايغا بولغان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان.
ياۋروپا بىرلىكى يەنە ساختا ماللار مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ياۋروپا تاموجنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ساختا ماللارنىڭ 60 ٪ ئى خىتايدىن كەلگەن ئىكەن.
پۇتىن يېگانە يادرو قورالىغا ئىگە
17- نويابىر كۈنى رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيىنىڭ نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سىستېمىسىنى ياساۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل سىستېمىنىڭ باشقا چوڭ دۆلەتلەردىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسىيا-تېنچ ئوكيان يىغىنى ئېچىلدى
19- نويابىر كۈنى لاتېن ئامېرىكىسىدىكى چىلى دۆلىتىدە ئاسىيا-تېچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىندا رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش تېمىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. (ئۈمىدۋار)