ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 14-دېكابىر كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ نوپۇس ۋە مۇساپىرلار ھەم كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇر دەيۋېي ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىپ، بىر پەرزەندلىق سىياسەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان قوپاللىق ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى. بۇ يىغىندا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل كوزاك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ،مۇنداق دېدى؛
"خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدا ئۆزىنىڭ تېچ يول بىلەن قارشىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇستەقىل دىنىي رەھبەرلەرنى باستۇرۇش ھەركىتىنى يوللۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىنتېرنەتكە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى" .
خىتاي تارىم ۋە ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىدا 10 مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرى شۇكى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلى ۋە تارىم دەريالىرى ۋادىسىدا يەنە 10 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى ، بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەر مەيدانىنى 30 مىليون موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئىككى دەريا ۋادىسىدا يەنە 10 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنىڭ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئامما، چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قارىشى باشقىچە ئىكەن؛
ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نومۇر چېكى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ
شىنخۇئا ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت كېلەر يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ئەمەس مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نومۇر چېكىدىكى پەرقنى ئېلىپ تاشلاپ، ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىشنى قارار قىلغان. بۇ خىتاي دائىرلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان جىددىلەشتۈرىۋاتقان مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋامى بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرى بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ مىللىي مائارىپىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرىھلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار
10-دېكابىر خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدۇر. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر قاتتىق يېغىۋاتقان قارغا قارىماي كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتى بىلەن كانادا تىبەت ھەرىكىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق خىلدىكى نامايىشلارنى كۆپ ئۆتكۈزۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇشقاقا ئىگە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.
ئەۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋەتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كانادا بىلەنلا چەكلەنمەستىن يەنە گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى خىتاي كونسولخانىلىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
10-دېكابىر كۈنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ۋە بدت نىڭ ئەنقەرەدىكى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىلدى. بۇ نامايىشقا تۈركىيىدىكى 350مىڭ ئەزاسى بار بولغان تۇركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بىر جان ئەپەندىمۇ قاتناشتى.
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتىنى خىتاينى تەنقىد قىلدى
يەنە بىر مۇھىم خەۋەر شۇكى، شىتابى تۈركىيىگە جايلاشقان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتى كىشىلىك ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە باشقا رەھبىرىي شەخسلەر تەبرىكنامە ئەۋەتتى. تۈركىيە كادىرلار جەمىيىتىنىڭ باشلىقى بىر جان ئاقيىلدىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەرجىدە دەخل-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
خەلقارا خەۋەرلەر
خىتاي-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى توقۇنۇشلار
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىغا بولغان كونترول قىلىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، توقۇمچىلىق ئېكىسپورت ماللىرىدىن ئالىدىغان باجنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چارىنى كېلەر يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆي جاھازلىرىنى ئامېرىكىغا كۆپلەپ كىرگۈزۈشكە چەكلىمە قويغان ئىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئۆي-جاھازلىرى بۇيۇملىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىنى ئىگىلەپ، شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن يۇقىرى باج ئېلىشنى يولغا قويغان، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
پاكىستان "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىشكە يەنە رازى بولدى
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، پەيشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى تېررورچىلىققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شاۋكەت ئەزىزمۇ بۇنىڭغا بولغان رازىلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋانىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بېيجىڭدا
ئۆتكەن ھەپتىدە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ، خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئۆزىنىڭ خىتايلىق كەسىپدېشى ساۋ گۇئاڭچۇئان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، قورال –ياراق سودىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشتىن باشقا يەنە رۇسىيە-خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ھەققىدىمۇ پىكىر بىرلىكى شەكىللەڭەن. يېڭىلىق تۇس ئالغان نۇقتا شۇكى، ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى كېلەر يىلى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.
تەيۋەندىكى پارلامېنت سايلىمى
11-دېكابىر كۈنى تەيۋەننىڭ پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلىشىپ، تەيۋەن پارلامېنتىدىكى 225 ئورۇننىڭ 116 سىنى پرىزدېنت چېن شۇيبياننىڭ ئۆكتىچىلىرى ھېسابلانغان گومىنداڭ، چىڭمىڭداڭ ۋە شىنداڭ پارتىيىلىرى ، 101 ئورۇننى مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىيە –تەرەققىيات پارتىيىسى بىلەن تەيۋەن بىرلەشمە پارتىيىسى ئىگىلىگەن.
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشكە ئىنتىلىدۇ
ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، تۈركىيىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىش سۆھبىتىنى باشلاش ۋاقتى بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 407 ۋەكىل بۇ قارارنى قوللىغان.
بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىراق، تۈركىيە دائىرلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىگە قويغان شەرتلىرىنىڭ بەك قاتتىق ئىكەنلىكىدىن ئۈمىتسىزلەنگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىپرۇس مەسىلىسىدە ئەنقەرەنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)