ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - يانۋار - 4-فېۋرال)


2005.02.04

رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش نىشانى بولغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ سىمۋولى ھەم "رافتو" مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان رابىيە قادىر خانىم، 2005-يىللىق خەلقارالىق نوبېل مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلىشى مۇمكىن بولغان شەخسلەر قاتارىدا سانالغان. نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدىغان ئادەملەر قاتارىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشىنكو قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، رابىيە قادىر 2006-يىللىق نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولۇشقا كۆرسىتىلىپتۇ.

رافتو مۇكاپاتى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەردىن بىر قانچىسى كېيىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى" نى يېزىشنى پىلانلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تارىخ يېزىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىندا پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇان سۆز قىلىپ "شىنجاڭ تارىخى مەسىلىسى جىددى بىر سىياسىي مەسىلە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭدىن شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىشنىڭ تارىخىي ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. شۇڭا مەن شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان بىر كىتابنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي كۈرىشىمىزنىڭ ئېھتىياجى" دېگەن.

لېكىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە چەتئەل ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرى خىتاي تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە؛ خىتاي ئالىملىرى سىياسىي ئېھتىياج ئۈچۈن تارىخنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرگىدەك بىرەر ئەسەر يېزىپ چىقىلمىغان.

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتچىلىكى شۇ جايدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا توپلىنىپ، نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدى.

قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى نېمە؟

مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىلىدا قوش تىللىق مائارىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بەزى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلدى ھەمدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشلەر باشلىنىپ، بۇنى ئاستا-ئاستا ئومۇملاشتۇرۇش قارار قىلىندى. قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسى ھازىرق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىلا ئەمەس بەلكى، خەلقارا جەمىيەت كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئامېرىكىدىكى ئوكلاند ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، 1944-1949-يىلىدىكى "ئىلى ئىنقىلابى " ھەققىدە ۋە ئۇيغۇر مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە كىتاب يازغان لىندا بېنسون خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

" تەبىئىي پەن دەرسلىرىگە ئوخشاش مۇھىم تېمىلارغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى پەقەت كونا نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان ،ئەمما زامانىۋى جەمىيەتكە ماسلىشالمايدىغان دەپ كۆرسىتىشى بىر خاتا سىگنال ھەمدە خىتاينىڭ خىتايچە ئىلىم-پەن تىلى دەپ قارىشى، ئۇيغۇر تىلىنى تەبىيىلا تۆۋەن بىر قاتلامغا قويىدۇ. ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمەن دىسە، بۇنىڭغا ئامال كۆپ. مەسىلەن، مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقارسا بولىدۇ.پۇل ئاجرىتىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن كىتابلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلىم-پەن ئىگىلەشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى خىتاي ئۆگىنىش ئەمەس"

ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بېيجىڭدا سۆھبەتتە بولدى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمۈكى بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى بېيجىڭدا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەت تېمىسى ئاساسلىق تەيۋەن مەسىلىسى، تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش، قورال-ياراق مەسىلىسى ۋە باشقىلار بولغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رىچارد لاۋز بىلەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى شۇڭ گۇئاڭكەي سۆھبەت ئېلىپ بارغان. تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپ بۇ كرىزىسنىڭ تېچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭ گۇئاڭكەي بولسا، بۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە چېتىشلىق شۇنىڭدەك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت بۇش دۆلەت ۋە خەلئارا ۋەزىيەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرىزدېنتى جېئورج بۇش دۆلەتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئائىت مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئائىت بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆرسەتتى.

خىتاي سوتى خىتاي ئىشچىلىرىنى جازالىمىدى

خىتاي ئالى سوتى گۇاڭدوڭدىكى بىر كارخانىدا توپىلاڭ چىقىرىپ قولغا ئېلىنىپ، ئۈچ يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 10 ئىشچىنىڭ جازاسىنى توڭلىتىشنى قارار قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بەرگەن. بۇ ئەھۋال بۇ خىتاي ئۆلكىسىدىكى 30 مىليون مۇساپىر ئىشچىسى ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلغان.

رۇسىيە بىلەن خىتاي يېڭى بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقماقچى

ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى تاڭ جياشۇان باشچىلىقىدىكى بىر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمۈكى موسكۋانى زىيارەت قىلدى. تاڭ جياشۇان چارشەنبە كۈنى كرېمىل سارىيىدا پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەندە ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي-سىياسىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ سۆھبىتى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئورتاق ھەربىي بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى.

ئەۋەتتە، مەزكۇر بىخەتەرلىك دائىرىسىگە چېچەن ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن نۇقتىلارمۇ كىرىدىكەن.

كابۇلدىكى ئۈچ خىتاي مېھمانخانىسى تاقالدى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە؛ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى ئۈچ خىتاي مېھمانخانىسى تاقىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئافغانىستان دائىرىلىرى مەزكۇر خىتاي مېھمانخانىلىرىدا پاھىشە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ھەمدە بىر قانچە نەپەر خىتاي ئايال پۇقراسىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

ئىراقتا سايلام ئېلىپ بېرىلدى

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئىراقتىكى سايلام ئاخىرلاشتى. 14 مىليون سايلىغۇچىنىڭ 60٪ بېلەت تاشلىغان. نازارەتچىلەر مەزكۇر سايلامنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقەيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.ئامېرىكا پرىزدېنتى جىئورج بۇش ئىراقلىقلارنى تەبرىكلىدى.ئۇ ئىراق خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ،ئەركىنلىك يولىدا ئىلىگىرىلەۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ سايلامنىڭ زور نەتىجە قازانغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.