ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-25-فېۋرال)


2005.02.25

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مالتادىكى يىغىنغا قاتناشتى

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن 24-فېۋرال كۈنى مالتا دۆلىتىدە ئۆتكۈزىلگەن "ياشلار ھەرىكىتىنىڭ خەلقارادىكى ۋە رايوندىكى تەسىرى" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا باشلىق ئىككى ۋەكىل قاتناشقان. يىغىندا دولقۇن ئەيساغا 15 مىنۇتلۇق سۆزلەش ۋاقتى بېرىلگەن. دولقۇن ئەيسا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇپ بەرگەن.

مالتادا ئۆتكۈزىلگەن مەزكۇر خەلقارالىق چوڭ يىغىنغا 14 دۆلەتتىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىنى ئەيىپلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 22-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭنىڭ "ئەدلىيە سىستېمىسى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى" دېگەن سۆزىگە رەددىيە بەردى. شياۋ ياڭ يەنە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەرتىبىنى چىڭايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىنكاس قايتۇرۇپ،" ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى سوتقا تارتىلغاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېچقانداق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا سىياسىي سەۋەبلەردىن ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتىدۇ” دېگەن.

قار ئاپىتى بولدى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن تەۋەسىدە يېقىنقى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قاتتىق قار ياغقان. نەتىجىدە 30 مىڭ تۇياق چارۋا مال ئۆلۈپ، 260 ئېغىزدەك ئۆي ئۆرۈلگەن. 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

17-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە ياققان بۇ قاردا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىمۇ زەربىگە ئۇچرىغان. گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلىيەڭ يېزىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جايدىكى دېھقانلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارغا تۇتۇلماقتا، بۇ يېزىدا تېخى ھازىرغىچە سۇ ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەل بولمىغان ئىكەن.

تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى بىڭتۇەن ئۈچۈن ئىشلىمەكتە.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى 2004-يىلى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 3 مىليارد كۈپ مېتىر ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 2-دىۋىزىيىسى تېرىلغۇ يەرلىرىگە تارىم دەرياسىدىن 14 مىليون كۈپ مېتىر سۇ چىقىرىپ ئىشلىتىپ، سۇغۇرۇش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى سۇ قىس رايونلار بولۇپ، ئۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشى ناھايىتى قىيىن ئىكەن. سۇ مەسىلىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەن.

يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە 6.4 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 500دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە 900 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. 2003-يىلى ئىراننىڭ بام شەھرىدە 6-.6 بال يەر تەۋرەپ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى. يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. مەسىلەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىمۇ بۇنىڭدىن سەل تۆۋەنرەك دەرجىدە يەر تەۋرەپ، كۆپلىگەن ئۆيلەر ئۆرۈلگەن ھەم چاك كەتكەن ئىدى. يەرلىك دائىرىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 28 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇش ياۋروپادا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى گېئورگى بۇش بىلەن رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى سلوۋاكىيىدە كۆرۈشۈپ، 90 مىنۇت سۆھبەتلىشىپ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىدا ئۆزگىرىش ياسىغان. بۇ ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيە ۋە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە بىردەك پىكىرگە كەلگەن. بۇش يەنە پۇتىننى دېموكراتىيە يولىدىن ۋاز كەچمەسلىككە دەۋەت قىلغان. مۇلاھىزىچىلەر ئامەرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنە ياخشى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە.

بۇش بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە يەنە گېرمانىيە رەھبىرى شىرويدېر قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، مۇھىم مەسىلىلەدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قورال ساتماسلىققا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھېنرى ھايد چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق "ۋالل سترىت جورنىلى" دا "خىتايغا قورال ساتماڭلار" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىلىك ھوقۇقلارنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ، ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قارىتىلغان قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىرغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.