ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19- 25- مارت)
2005.03.25
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسى 22-مارت كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا سازاۋەر بولغان رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ باش دىرېكتورى مايكىل ئوربىلى رابىيە قادىر مەسىلىسىگە خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، بۇ مەسىلىدە دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى . ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىلىمەن، ۋاشىنگتون بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، ئەمما مەن سىزگە شۇنداق دىيىشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز"
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىسىتىرى راندال شرايۋېر سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتايدىكى ھەر قايسى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ، مەن بايا دېگەندەك سۆزۈمنى يەنە تەكرارلايمەن. بىزنىڭ خىزمىتىمىز يەنە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشى كېرەك."
رابىيە قادىر ئاخىرىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز مىللىتىنىڭ شۇنىڭدەك پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان خەلقلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
20-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى جىئورجى مايسون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا ياش –ئۆسمۈرلەر تەييارلىغان تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرى كۆرىسىتىلدى.
بايرام مۇراسىمىدا يەنە رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بوشۇتۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە زور خۇشاللىق ۋە مۇۋەپپەقەيەتلەرنى تىلىگەن.
ئىلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر
خەۋەرلەرگە قارىغاندا غۇلجا شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە كوچا ۋە مەھەللە ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلىپ، خىتايچە ئاتىلىشقا باشلىغان. مەسىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتاقلىق كونا مەھەللىلەردىن بىرى "ئۈچ دەرۋازا", "جاڭسۇ يولى " دەپ ئاتىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىلغان .بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى "يولغا توغرا كېلىپ" قالدى دەپ چېقىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭغا ئورنىغا دۇكان سېلىنپى، خىتايلارغا بېرىلگەن ئىكەن.
11-مارت كۈنىدىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن قار ئېرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە بىر كىشى قازا قىلغان. 27 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن. بەش مىڭغا يېقىن مال-ۋاران ئۆلگەن ئىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەقەلەر
ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوشنىسى قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، ئالدى بىلەن ئوش ۋە جالال ئاباد شەھەرلىرى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، 24-مارت كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى چوڭ نامايىش نەتىجىسىدە نامايىشچى ئامما قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان. پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ قېچىپ كەتكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ قازاقىستانغا قېچىپ بېرىۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان. 25-مارت كۈنى ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى ۋە قىرغىزىستان پارلامېنتى يىغىن ئېچىپ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى قۇرمانبېك باقىيېۋنى مۇۋەپپەق پېزىدېنت ھەم باش مىنىستىرىلىق سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە بەلگىلىگەن.
تۈرمىدىن بوشۇتۇلغان ئۆكتىچىلەر رەھبىرى فىلىكس قۇلوپ قانۇننى ئىجرا قىلىش ساھەسىگە، يەنە بىر نەپەر ئۆكتىچىلەر رەھبىرى روزا ئوتونبايېۋا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىلىق ۋەزىپىسىگە بېكىتىلگەن.
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى خەلقارا مىقيادا زور ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىزھچىل تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ۋەقە مۇئانسىۋىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىرغىزىستانغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بولسا، ئەگەر ئاقايېۋنىڭ رۇسىيىگە كېلىشىنى خالىسا قارشى ئالىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك يېڭىدىن تەشكىللەڭەن ھۆكۈمەت بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستاندىكى مەزكۇر دېموكراتىك ئىنقىلاب مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ھەر خىل ماقالىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئاپتورلىرى بۇنىڭدىن قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچۈيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرسە، غەرب ئانالىزچىلىرى بۇنىڭ جىئورجې بۇش ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەلگەنلىكىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ غەلبە قىلىشىنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
شىراك: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قورال ساتمايدۇ.
فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دەرھال خىتايغا قورال ساتمايدۇ دەپ بىلدۈرۈلگەن. ئۇ يەنە قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشنىڭ خىتايغا قورال سېتىش ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12- 18- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-12- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-فېبرال - 4-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-25-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-18- فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-11-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - يانۋار - 4-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-14يانۋار)