ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - 15 ئاپرىل)


2005.04.15

"ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي بېسىم تەتۈر قۇيۇنى" ئېلان قىلىندى

دۈشەنبە كۈنى يەنى 4 - ئاينىڭ 11 – كۈنى، مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى "ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي بېسىم تەتۈر قۇيۇنى" تېمىسىدا 114 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى " بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورچىلىققا" قارشى تۇرۇش نامىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر دوكلاتنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكىلاس بەكۇلىن، دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق دىنىي سىياسەت يۈرگۈزىشىنىڭ سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ئارقىلىق، مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيىتى ۋە باشقا تەرەققىياتلىرىنىمۇ باستۇرماقتا.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققدىكى مەزكۇر دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى " ئاستىن- ئۈستىن قىلىپ كۆرسەتكەن دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلدى

ئۆتكەن ھەپتە يەنى مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن ئىككى كۈن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلايدىغان ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

خىتاي دۆلەت كابىنىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە يەتتە تەرەپتىن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ، خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا ئاساسىي قانۇندىكى بارلىق پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە بەزى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن

لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆتكەنكى بەش يىل ھەتتا ئون يىل ئىچىدە ھېچقانچە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارك ئالىسون مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. خىتايدا يەنە مەھبۇسلارنى قىيىن - قىستاققا ئېلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەجۋەرجان ب د ت يىغىنىدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىچىلىۋاتقان يىللىق يىغىنى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى دۆلەتلەر ئارا رادىكال پارتىيىسىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا يىغىننىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇزاكىرىسىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئەنۋەرجان، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى چەكلەش، سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش شۇنداقلا يەرلىكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر-زېمىن ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تارتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن تەنقىدلىگەن.

خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى قەغەز يۈزىدىكى پەدەز

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كۆمىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنى ھەققىدە ئىسپات بەردى.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ قەغەزدىلا ياخشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جېجياڭدىكى توقۇنۇش

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى خۇئاشى ئېيزىسىدا دىقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا 80 گە يېقىن ساقچى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يارىلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇئاشى يېزىسىدىكى توپىلاڭ، دېھقانلارنىڭ يېزىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىغا قارشى نارازىلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. دېھقانلار زاۋۇت ئەتراپىدا كەپىلەر ياساپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇشقا تىرىشقان. بىراق كىيىن ساقچىلار بۇ كەپىلەرنى ئۆرۈشكە باشلىغاندا، غەزەپلەنگەن دېھقانلار ساقچىلارغا تاش ۋە پىچاقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ياپونغا قارشى نامايىشلار

ئۆتكەن شەنبە كۈنى بيېجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشتىن كىيىن، خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشتى. ئۆتكەن شەنبە كۈنى ياپونىيىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، نامايىشچىلار ياپونىيە مەبلەغ سالغان سودا بازارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا تاش ئېتىپ، دېرىزە- ئەينەكلىرىنى چاققان. ياپونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ياپونىيىدىن كەچۈرۈم سوراپ، نامايىشلار جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىغان. ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىك تېخى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

قورال ئىمبارگوسى

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرى جۈمە كۈنى يىغىن ئېچىپ، خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بۇ يىل -6 ئايدىن بۇرۇن قارار چىقارماسلىقنى بېكىتتى.

گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوشكا فىشەر، قورال چەكلىمىسى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.