دولقۇن ئەيسا خەلقارا يىغىندا
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيە شۆبىسى 16-ئاپرېل كۈنى بېلگىيىنىڭ ئانتۋېرىن شەھىرىدە "خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بىر يىل
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل تولغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئىرقىي تەۋەلىكى ئاشكارىلاندى
ئامېرىكا ئالىملىرى تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ ئىرقىي تۈزۈلۈش جەھەتتىن كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ئىنسانشۇناسى پروفېسسور ۋىكتور مەيىر ئەپەندى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كاۋكاز ئىرقى بىلەن شىمالىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئارىلاشما تىپىدىكى ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىرقىي مەسىلىلىرى ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا خۇلاسە چىقىرىپ بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بۈيۈك ئېنسىكىلوپېدىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي تۈزۈلۈش جەھەتتىن ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئامما ئازراق موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالەمەتلىرى ئارىلاشقانلىقى خۇلاسىلانغان ئىدى. سابىق سوۋېت ئالىملىرى ۋە بىر قىسىم غەرب مۇتەخەسسىسلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق تەنلىك ئىرققا مەنسۇپ تەرەپلىرىنىڭ ھازىرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي مەسىلىسى مۇرەككەپ سىياسىي تۈس ئالدۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي تۈزۈلۇشىدىكى ياۋوپا ئىرقىغا مەنسۇپ تەرەپلىرى ھەققىدە سۆزلىشىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ قويغان.
جورج بۇش خىتاينىڭ پۇلنىڭ تېگىشىشىنى ئەركىن قويۇۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى چ ن ب چ يەنى مالىيە-ئىقتىساد تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا "ھۆكۈمىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىزچىل تۈردە خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى قايتا تەڭشەشكە دەۋەت قىلىپ كەلدۇق" دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە " ئامېرىكا خىتاينىڭ تېزدىن ھەركەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
كوندا لىزا رايىس پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىس رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
رايىس خانىم رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىدىكى ئىستراتېگىيىلىك شىرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە رايىس خانىم رۇسىيىنى دېموكراتىك ئىسلاھاتنى كۈچەيتىشكە ئوچۇق چاقىرىش بىلەن بىرگە، پۇتىننىڭ ھوقۇقلارنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. رايىس خانىم رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزىگە –ئۆزى ئىگە بولىدىغان مۇستەقىل ئورگان بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي پۇقرالارنى ياپونغا قارشى ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى
بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ شاڭخەي، گۇئاڭ جو قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياپونغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ھەمدە ياپون پۇقرالىرى ۋە رېستۇرانلىرىغا چەقىلىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. خىتيادىكى بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ياپونغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى باشتا يول قويغان بولۇپ، ئاخىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇنىڭدىن بۇنداق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى كۇيزۇمىمۇ سۆز قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون مىللىتارستلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىم خىتايدا ئەۋجى ئالغان ياپونغا قارشى نامايىشلار تۈپەيلىدىن بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى 30 يىل ئىچىدىكى ئەڭ ناچار ئەۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)