ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-17 - ماي)خەلقارا خەۋەرلەر


2005.06.17

يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچىسى قولغا ئېلىندى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پوسكام نېفىتلىكى بازار 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللا جامال يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب، مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى مەزكۇر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋەقەگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللا جامالنى ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى سىڭدۈرگەن دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالغان شۇنىڭدەك تۆت نەپەر تولۇقسىز سىنىپ ئوقۇغۇچىسىنى قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن جېدەل قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار جازالانمىغان بولۇپ، پۈتۈن گۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئارتىلىپ، ئۇلار مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلغان. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا پوسكامدا بولغان بۇ ۋەقەدىن چىقىرىلغان خۇلاسە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان .

ئابدۇللا جامال ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ياراملىق ئوقۇتقۇچى ۋە يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ جازالىنىشىغا خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

ئۇيغۇر گېنېرالىنىڭ ئەسلىمىسى نەشىر قىلىندى

تۈركىيىنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدە تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان گېنېرالى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد رىزا بېكىننىڭ ئەسلىمىسى تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

مۇھەممەد رىزا بېكىن 1925-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تەرىپىدىن تۈركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئۇزۇن يىللار ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ ئاخىرى گېنېراللىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.

ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە ئىستانبۇلدا مەسۇد سابىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان ئىدى.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تۆمۈر يول ياسىماقچى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا 2006-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دائىرىلىرى قۇمۇلدىن لوپنۇرغا، قەشقەردىن خوتەنگە تۆمۈر يول ياسىماقچى ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى مەۋھۇم ئىنكاستا بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان تارىم ۋادىسىغا يۆتكەپ چىقىپ، بۇ جايلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەلقارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە 34 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرمەكچى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ب د ت نىڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېرىموف خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغان ئىدى.

ئەندىجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۆزبېك مۇساپىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ ناچارلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننانغا ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋقا مۇراجەتنامە يېزىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈنلەر ئىلگىرى قىرغىزىستان دائىرىلىرى تۆت نەپەر مۇساپىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋەتكەن ئىدى

ئۆتكەن ھەپتىدە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى. روزا ئوتانبايېۋا، قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئامېرىكا بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە قىرغىزىستانىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئۈچۈن ھەربىي بازا ئېچىپ بەرمەيدىغانلىقىنى يەنى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئوتانبايېۋا يەنە قىرغىزىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە باشقا مەسىلىلەردە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.