ھەپتىلىك خەۋەرلەر(8-15- ئىيۇل )
2005.07.15
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى سابىت ئابدۇراخمان ئالەمدىن ئۆتتى
ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىدىن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، تارىخچى، سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 14-ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى. . مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان 1928-يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ،30-يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1944-يىلى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلىپ، غېنى باتۇرغا كاتىپ بولغان ھەمدە ئوتتۇرا يۆلۈنۈش فرونتىدا تۇرغان. 1948-يىلى قوشۇن ئىچىدە "ياش شەرقىي تۈركىستانچىلار" نامىدا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قوزغاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
سابىت ئابدۇراخمان تاكى 80-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇزۇن يىللار خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان .قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئىلگىرى كېيىن ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈگەن.
ئۇ بىر تەرەپتىن سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتلىرى بىلەنمۇ مەشغۇل بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن شېئىرلار توپلىمى ۋە بىر قانچە براشۇرىلىرىنى ھەم كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان.
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ تارىخى ئەسەرلىرى ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىقلىرى ،" رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى"، " شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ يەنە "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى تارىخى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى نەشىرگە تەييارلىغان بولسىمۇ، بىراق، تېخى نەشرىدىن چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان.
سابىت ئابدۇراخماننىڭ بۇ ئەسەرلەردىكى ئىدىيىسى مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن تولغان بولۇپ، مۇئەييەن تارىخىي مەنبەلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
رابىيە قادىر 2005-يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى
14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتى 2005-يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنى ئۈچ نەپەر ئافغانىستانلىق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىگە بەردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى شۇنىڭدەك سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتوننىڭ رەپىقىسى خىلارى كلىنتون خانىم قاتارلىق مەشھۇر ئەربابلار قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ باشلىقى كارل گرېشمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى تونۇشتۇرۇپ،" كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئارىمىزدا بىز بىلەن بىرگە بولۇش كىشىنى تولىمۇ خوشال قىلىدۇ" دېدى.
خىتاي بىلەن قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى ئاستانادا يىغىن ئاچتى
خىتاي –قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 2-قېتىملىق يىغىنىنى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىندا ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى. بۇ كومىتېت يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-ئىقتىساد، قاتناش، مالىيە، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچېتىيشكە پۈتۈشكەندىن سىرت يەنە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي بىلەن قازاقىستان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەمكارلىق نەتىجىسىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى چەكلەنمەكتە ھەم زەربىلەرگە ئۇچرىماقتا.
رۇسىيە ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتمەكچى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرىنى تاقاشنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلغان شاڭخەي تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىشكەكتىكى كانت بازىسىدا رۇسىيىنىڭ مەلۇم ساندىكى ئايروپلانلىرى بار بولۇپ، ئەسكەر سانى ۋە ئايروپلانلارنىڭ يەنە بىر ھەسسە كۆپەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
رۇسىيە بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا تاش يول قاتنىشى يولغا قويۇلماقچى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى 55 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسىدە قاتناش يولغا قويۇلۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئېغىز ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى قاناس كۆلى بويىغا توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر بۇ تاش يول قاتنىشى باشلانسا رۇسىيىگە تەۋە تۈركىي ئالتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا بىۋاستە قاتناش مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق سىبىرىيە رايونى بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىدىكەن. سىبىرىيە رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش تۇۋا، ئالتاي، خاكاس ۋە ياقۇت قاتارلىق مىللەتلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولۇشىغا قارىماي، مىللىي جۇمھۇرىيەت ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ پرېزىدېنتى، ئاساسىي قانۇنى ۋە دۆلەت بايرىقى شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتچلىك سىستېمىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.
لوندوندىكى پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە لوندوندا سادىر بولغان پارتلاشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارالغان تۆت كىشىنىڭ ئۈچى نەق مەيداندا ئۆلگەن. 4-كىشىنىڭ پارتلاش جەريانىدا ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق ئىكەن. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 19 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ۋەقەنىڭ ئەل –قائىدە بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىئاقى خىتاينى ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.
خىتاينى زىيارەت قىلغان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى جوسە ماننۇئال باروسو ئەپەندى خىتاي باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينى ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئىنسان ھوقۇقىنىڭ ياخشىلانمىغىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئېمباگوسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۆزلىرى قول قويغان خەلقارالىق ئىنسان ھوقۇقى، سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە رېئايە قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر(1-8-ئىيۇل )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر(25-ئىيۇن-1-ئىيۇل )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-24- ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-17 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-10-ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21 - 27 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 14-20 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30- ئاپرىل 6-ماي)