ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-29- ئىيۇل )


2005.07.29

رابىيە قادىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تائوختالدى

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. گېرمانىيىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھاسىغا قارىغاندا، گېرمانىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغۇچى سۈپىتىدە گېرمان-ئۇيغۇر مۇناسىۋەت تارىخىغا يېزىلغان رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتەردى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى بېيجىڭدا ئېچىلغان دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىنى ئەسلەپ، بۇ ئون يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقدىرى ۋە ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىغانلىقى، ئۆزگىرىش دېگەندە ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقلىرىنىڭ تېخىمۇ دەپسەن قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇر

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكىدا چىقىدىغان " بوستون گلوب" ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدىن قارىغاندا ئادۋوكات سابىن ۋېللىت گۇئانتانومو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ئۇ جايدىكى تۈرمىدە تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەركىن ئادەملەر قاتارىدا تۈرمە سىرتىدا ياشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر ئادۋوكات ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەن جەڭچىلەر ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى سىرتقا چىقىرىش ھەققىدە ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

ئۆزبېك مۇساپىرلىرى قۇتۇلدى

بۇ يىل 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، قىزغىزىستانغا قەچىپ كېلىپ پاناھلانغان 500 ئەتراپىدىكى ئۆزبېك مۇساپىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە جۈمە كۈنى خەلقارالىق پاناھلىق سالاھىتىگە ئېرىشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە 400 نەچچە ئادەم مەخسۇس ئايروپلان بىلەن رۇمىنىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇخارست دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلار يېرىم يىلدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىدىكەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ 50 نەچچە ئۆزبېك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.

دالايلاما تىبەتكە قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ ۋىزبادەن شەھىرىدىكى مۇراسىم پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ كېلەر ئون يىل ئىچىدە تىبەتكە قايتىپ 80 ياشلىقىنى خائىتىرىلەيدغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيىنىڭ ھېسسىن شىتاتى تەرىپىدىن دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا ھەسسە قوشقان ئەربابلارغا بېرىلىدىغان "ھېسسىن تىنچلىق مۇكاپاتى" غا سازاۋەر بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە، تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئارىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملاشقان بولۇپ، دالاي لاما تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىپ، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ھازىرچە خىتاي-تىبەت سۆھبىتى نەگە بارىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئالدىن بىر خۇلاسە چىقىرىش قىيىن ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېل 25-27-ئىيۇل كۈنلىرى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانى زىيارەت قىلدى.

رۇمسفېلدنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى شۇكى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈردى. قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئوڭشالغىچە تۇرۇشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئاستانادا ئۆتكۈزگەن يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش چاقىرىقى ئەمەلگە ئاشماي قالدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ جايدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەنلىك ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى.

شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە دۆلەت سۆھبىتى

ئۆتكەن ھەپتىدە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالتە دۆلەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىننىڭ 2-كۈنى شىمالىي كورىيە تەرەپ بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەلەپلەر ئامېرىكىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش، شىمالىي كورېيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش شۇنداقلا شىمالىي كورېيىگە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.