ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-ئىيۇل-5-ئاۋغۇست)

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ۋاپات بولدى

3-ئاۋغۇست كۈنى 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 91 يېشىدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1914-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.1944-يىلى، ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنغاندا ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە باش كاتىپ بولۇپ سايلانغان.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى ئەربابلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1992-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندىن سىرت قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق پائالىيەتلىرىگىمۇ دائىم ئىشتىراك قىلىپ، پېشقەدەم جامائەت ئەربابى سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەسلىمىلىرىنى يازغان.

مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئىزدەنگەن ئىدى. ئۇ، ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەش، تارىخى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، دائىم كىشىلەرنى ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

2-ئاۋغۇست كۈنى، مەركىزى گېرمانىيىگە جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا "تېررورچىلىققا زەربە بېرىش نامى بىلەن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرماسلىق" ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىڭ 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، "بىز ھېچقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، سىياسىي پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى، دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمىز، بىز خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشنى خالىمايمىز، بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز پەقەت ئۆزىمىزگە تېگىشلىك بولغان سىياسىي ھوقۇقتىن ئىبارەت " دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ باياناتىغا نىسبەتەن خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركىتىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوت ئاچتى

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى گۇئانتانامو بازىسىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملەر توغرىسىدا سوت ئېچىپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئەرزنى تىڭشىدى. ئادۋوكات بىكھام ماكاچىن ۋە قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى سيبىن ۋېللىت ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملەرنىڭ 2005-يىلى 26-مارت كۈنى ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللېگىيىسى تەرىپىدىن "قانۇنسىز دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس" دەپ ئاقلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئەركىن پائالىيەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىر ئادۋوكاتى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ 3- بىر دۆلەتكە ئەۋەتىلىشى ھەققىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىچۈئەندە توڭگۇز كېسىلى كېڭەيمەكتە

چار شەنبە كۈنىگىچە خىتايدا بايقالغان توڭگۇز كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 ئادەمگە يەتكەن. ھازىرغىچە 148 ئادەم بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، ياتاقتا ياتقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ كۆپ ئۆلكىلىرىدە توڭگۇز گۆشلىرىگە بولغان كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر خىتايلار ئارىسىدا توڭگۇز گۆشىنى يېمەي، قوي گۆشى ئىستىمال قىلىش ئەھۋالى كۆپەيگەن، بۇنىڭ بىلەن قوي گۆشىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش قىرغىزىستاننى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋقا مەخسۇس تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ سايلام ئارقىلىق پرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىك جەمىيەتكە ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن تەرەققى قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە قىرغىزىستاننىڭ 439 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماستىن، 3-دۆلەتكە ماڭدۇرغانلىقىنى ماختىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئېشىپ قالغان 15 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشىنى، ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا.

ياپونىيە خىتايغا قارشى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان

ياپونىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي تەھدىدى نەزەرىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ياپونىيەنىڭ بۇنداق خىتاينى تەھدىد دەپ ھېسابلىشىغا نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ھېچ قانداق ئەمەلىي ئاساسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىپ قالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ دائىم بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە. (ئۈمىدۋار)