ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-19 - ئاۋغۇست)

خىتاي دىنىي تەربىيە بەرگۈچى ئامنىخاننى تۇتقۇن قىلدى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسىدە ئامىنىخان ئىسىملىك 56 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايال بالىلارغا قۇران كەرىمنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامىنىخان ئۆز ئۆيىگە 37 نەپەر بالىنى يىغىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىدىن دەرس بەرگەن. ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئامىنىخاننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئامىنىخاننى ۋە دەرس ئاڭلاۋاتقان 7 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 37 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، قاماقخانىغا سولىغان. بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى 7000 يۈئەندىن 10مىڭيۈئەنگىچە جەرىمانە تۆلەپ، بالىلىرىنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىمى بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلاشتىن باش تارتسىمۇ، لېكىن يەنە بەزىلىرى ئامىنىخاننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ راسلىقىنى ئېيتقان.

ئامىنىخان ھەم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خېلى كۆپ ئاگېنتلىقلار بۇ خەۋەرنى تارقاتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسىدىكى خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن 471 نەپەر دىنىي زاتقا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسەت قوللانمىسىنى تارقاتقان.

10 مېھمانخانىسى بار ئۇيغۇر باي

ئۇزۇندىن بۇيان نامى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولمىغان، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى بىلدۈرگەن ئاتاقلىق كارخانىچى ئادىل ئۈستۈن تاغ ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى.

ئادىل ئۈستۈن تاغ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيىگە كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان كونا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ، ھازىر ئىسامبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە بەش يۇلتۇزلۇق ئالىي مېھمانخانىدىن 10 غا، شۇنىڭدەك زاۋۇت –فابرىكىلارغا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئورۇنلىرىدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدىكەن.

ئادىل ئۈستۈنتاغ ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى

ئۆتكەن ھەپتىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شاردىنوپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باشلىقى مۇرات ئەھمىدى ۋە ئاتاقلىق تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېۋ قاتارلىق يەتتە كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان 15 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتىۋېلىپ، ئۇلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مەلۇم ساندىكى كىشىلەر تەشكىللىنىپ، ئىلگىرى كېيىن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە سىياسىي ھەم كىشىلىك ھوقۇقلىقىرىنى دەۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

خىتاي تېررورچىلىققا قارشى ئالاھىدە ساقچى قىسىمى قۇردى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان نامايىشلار ۋە قارشىلىقلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان قارشىلىقلىرىنى باستۇرۇش مەقسىتىدە 36 شەھەردە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە توپىلاڭدىن مۇداپىئەلىنىش ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرىنى تەسىس قىلغان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ،ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىچىدىلا خىتايدا 74 مىڭ قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ سانى ئۈچ مىليون 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

تۈركىيىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى

تۈركىيىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت پارتىيىسى ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەتكە چىققان ئۈچ يىلدىن بۇيان دىپلوماتىك ئېھتىياج تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن بەزى-بىر ئالاقىلارنى قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئادالەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە زادى قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ھەققىدە توختالغان مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەنگىر فرات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى سىياسىي كۈرەش يولى بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا ئېلىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئادالەت پارتىيىسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

8-ئاينىڭ 18-كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ "تىنچلىق ۋەزىپىسى-2005" دەپ ئاتالغان تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى رەسمى باشلاندى. بىر ھەپتىگە سوزۇلىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرنىڭ قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، رۇسىيە تەرەپنىڭ مانېۋىرگە ئىشتىراك قىلىدىغان ئەسكەر سانى خىتاينىڭكىدىن ئازراق، يەنى جەمىي 1800 نەپەر بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرى ئەتراپىدا، قالغان باسقۇچلار خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە داۋاملىشىدۇ. مەزكۇر مانېۋىرنىڭ چىقىملىرىنى خىتاي زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ بۇ مانېۋىر ئارقىلىق تەيۋەنگە بېسىم ئىشلەتمەكچى شۇنىڭدەك ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ بولسا، سىياسىي جەھەتتىن ئۆز قۇدرىتىنى تەشۋىق قىلسا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قوراللىرىنى سېتىشنى ئويلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش مەيدانىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما، خىتاي ۋە رۇسىيە قوماندانلىرى بۇ مانېۋىرنىڭ ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەتكە تەھدىد سېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا كېلەر ھەپتە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە يىللىق بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى. بۇ خىل بىرلەشمە مانېۋىر 1976—يىلىدىن ئېتىبارەن داۋاملاشماقتا. ئەمما شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى بولسا، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھازىر ئىككى كورىيە چېگرىسى ئەتراپىغا 32 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئەسكەر سانى جەھەتتە شىمالىي كورىيە كۆپ ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ بىر مىليون 200 مىڭ ئەسكەرگە، جەنۇبىي كورىيە بولسا ئاران 650 مىڭ ئەسكەرگە ئىگە ئىكەن. (ئۈمىدۋار)