رابىيە قادىر ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى چەتئەللەردىكى "تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن ئارىلاشقان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېررورلۇق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان دەپ جار سالغاندىن سىرت يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي دۆلىتىگە 50 مىليون يۈەن قەرزى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ باياناتلىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ جۈملىدىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ باياناتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلە بوشىتىلىپ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق پائالىيەتلىرى جۈملىدىن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىشىغا بولغان ئىنكاسى دەپ قارىغان.
ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
رابىيە قادىر خانىم ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان بۇ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ۋە تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا ئۆزىگە قارشى تۇرغان ئۇيغۇرلارنى ئەنە شۇنداق ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاشقا، جازالاشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشلىرى
25-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋاڭ لېچۈەن ئابدۇللا قۇربان ئىسىملىك مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئابدۇللا قۇرباننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قانچە يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ 2000-يىلى 8-ئايدا ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشقا بىر نەپەر ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئېتراپ قىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ساقچىلار ئابدۇللا قۇرباننىڭ يوشۇرۇنغان جايىغا بېسىپ كىرگەندە، ئۇ ساقچىلارغا ئوق چىقارغان ھەمدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مەلۇم بىر ساقچى خادىمى ئابدۇللا قۇربان ۋەقەسىنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ساقچىلارنىڭ ئۈچ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، يېقىندىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان، باي ۋە كۇچار ناھىيىلىرىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئالدىنقى ھەپتىدە ئۇچتۇرپاندا ئون نەچچە ئۇيغۇر ياش ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلل كلىنتون ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولىدۇ
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون كېلەر ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان" قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ۋە خىتاينىڭ غەربىي رايونىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش" تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولماقچى.
كلىنتون ئەپەندى يەنە بۇ يىغىندا" قەدىمكى يىپەك يولى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا سابىق پرېزىدېنت كلىنتون ئەپەندى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 50 نەچچە ۋەكىلىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىغا ئېلىپ بارىدىكەن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر سىياسىيونى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتونى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بىل كلىنتوننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى زور يېڭىلىق ۋە بۇرۇلۇش بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
گۇانتانومودىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر باشقا جايغا يۆتكەلدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى 15 نەپەر « ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس" دەپ بېكىتىلگەن ئۇيغۇردىن بەش نەپىرى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، تۈرمە سىرتىدىكى مەلۇم جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ 3-بىر دۆلەتكە قوبۇل قىلىنىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنىلا مەلۇم چەكلىمىلەر ئاستىدا بولىدىغانلىقى، لېكىن گۇانتانامودىكىگە قارىغاندا ياخشى شارائىتلار بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدۇ
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىلىرى بويىچە پەۋقۇلاددە ئەمەلدارى مافىرد نوۋاك، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا شەھەرلىرى، تىبەتنىڭ لخاسا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە جىنەن شەھەرلىرىدىكى تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق كېلىشىمگە قول قويغان بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل تۈردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. ئەمما خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن بېيجىڭ ئاخىرى بۇ قەدەمنى بېسىشقا مەجبۇر بولدى. (ئۈمىدۋار)