ئامېرىكا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقتا ئەيىبلىدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلەپ يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى. 193 بەتلىك بۇ دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە پرېزىدېنت بۇشقا يوللانغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، ئەكسىچە كۈنسايىن ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ خىتايلار ئېيتقاندەك ياخشى بولماستىن ئەكسىچە ناچار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە ۋە نورۋىگىيەدە پائالىيەت ئېلىپ باردى
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا سەپىرى جەريانىدا شۋېتسىيىگە يېتىپ كېلىپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن قارىلىنىپ، تۈركۈملەپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقانلىقى، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جۈملىدىن يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسى ۋە تارىخچى توختى مۇزارتلارنىڭ كۆپ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە شۋېتسىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، نورۋىگىيىدە زىيارەتتە بولدى . بۇ جايدا نورۋىگىيە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە رافتو مۇكاپاتى فوندى جەمىيىتى ۋە پارلامېنت ھەم ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرە بويىچە پىكىرلەشتى.
ئۈرۈمچىدە ئەيدىز كېسىلى تېز تارالماقتا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىچە ئەيدىز كېسىلى تېز تارالماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تىز كۆپىيىپ، 4386 ئادەمگە يەتكەن.
خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 1995-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 400 دىن ئېشىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا 600 ئادەمگە يەتكەن.
ھازىر ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جايدىكى ئەمەلىي سان تېخى ئاشكارە ئېلان قىلىنمىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارىلىغاندىن تېخىمۇ زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خىتاي ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدىغان يەنە بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزدى
خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىغان قارامايدىن ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېلەر يىلى پۈتۈپ رەسمى ئىشقا كىرىشىدۇ. بۇ، يىلدا بىر مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزىدىغان نېفىتنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكىلىشىدە ۋاسىتە قىلسا، ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايون نېفىتلىرى ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئىچكىرى جايلارغا جىددىي قەدەملەر بىلەن توشۇماقتا. تارىمدىن شاڭخەيگىچە بولغان "غەرب-شەرق" تۇرۇبا يولى بۇنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كوندالىزا رايىس ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندالىزا رايىس خانىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ، بۇ سەپىرىدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوپ ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن كۆرۈشكەدە رايوننىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان.
كوندالىزا رايىس بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنى ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ،" بىز ھەرگىزمۇ نېفىت ۋە ھەربىي مەنپەئەتلەرنىڭ بىزنىڭ ئەركىنلىكنى قوغداش نىشانىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايمىز" دېدى.
ئۇ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشى ھەققىدە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېۋ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكا ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوللىشىنى ئىلگىرى سۈردى
ئاق ساراي چارشەنبە كۈنى ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسلىق پارتىيىسى بولغان ئىراق ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتتا، ئىراقتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى ۋە كۇرتلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىراق ئاساسىي قانۇنىنى قوللىشىنى قارشى ئالدى.
مەزكۇر كېلىشىم بويىچە ئىراق ئىسلام پارتىيىسى ئىراق ئاساسىي قانۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇڭ ئالدىدا، ئىراقتىكى شىئە ۋە كۇرت پارلامېنت ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئويلىشىشقا قوشۇلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)