رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدە شىۋىتسارىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئالدى بىلەن شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەتلەشتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە بېلگىيىگە يېتىپ كېلىپ، بىرۇيېسىل شەھىرىدە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك تەرەپلەردىن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ مۆلچەرلىگەندىنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.
ۋاڭلېچۈئەن كورلا شەھرىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دېلوسى ھەققىدە توختالدى
بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دەپ خەۋەر تارقىتىلغان كورلا شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپ ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرى ئاغزىنى ئاچتى. ۋاڭلېچۈئەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ دېلونىڭ ھازىرچە تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى، تېخى ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىلمىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇتەللىپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنىڭ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ چوڭ سودىدىكى ئالدامچىلىق دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، بۇ يەنىلا گۇمانلارنى قوزغىماقتا. چۈنكى، ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجىمۇ قولغا ئېلىنىپ، ھازىرگىچە تېخى ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىلمىغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ كانادادىكى ئىنىسى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە تۇتقۇن جەريانىدا ئۆلۈپ كەتتى دېگەن نام بىلەن ئۇنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چىرىكلىك بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە ئەڭ قالاق دۆلەت
شىتابى پارىژغا جايلاشقان " چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى"نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2005-يىلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى سېلىشتۇرما تىزىملىكىدە، خىتاي ئارقىدىن سانىغاندا 9-ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ تىزىملىكتە يەنە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىمۇ ئارقىدىن ئورۇن ئالغان. ئالدىنقى ئورۇنلاردا بولسا، ياۋروپا مەملىكەتلىرى تۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇمسفېلد خىتاينى زىيارەت قىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رۇمسفېلد 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن خىتايدا رەسمى زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىرلەشتى. دونالد رۇمسفېلد خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلىتىش ۋە ھەربىي خام خىراجىتى مەسىلىلىرىدە خىتاي رەھبەرلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلدى.
ئەمما، خىتاي تەرەپ، خىتاينىڭ ھەرگىز ئالدىن-ئالا يادرو قوراللىرى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى شۇنىڭدەك ھەربىي خىراجەتنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئەمما، ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاسىيا رايونىغا تەھدىد سەلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. رۇمسفېلد خىتاينىڭ ھەربىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئورۇن ھېسابلانغان ئىككىنچى توپچىلار ئاكادېمىسىنى زىيارەت قىلىپ، گېنېراللار بىلەن ئۇچراشتى. خىتاينىڭ رۇمسفېلدنى مۇنداق مەخپىي ھېسابلانغان ئورۇننى زىيارەت قىلدۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنى جەلىپ قىلغان. ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ھەمكارلىقلارنى ۋە ئالاقىلارنى كېڭەيتىش ھەم كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.
خىتاي دېموكراتىيە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلدى.
19-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئۆزىنىڭ تۇنجى دېموكراتىيە ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان دېموكراتىيە جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىدى. بۇ كىتابتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيە يۈرگۈزىۋاتقانلىقى شەرھىلىنىپ، "بۇ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق دېموكراتىيىسى" دەپ ئاتالغان. خىتاي مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىممۇتلەقلىقتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. خەلقئارا جەمىيەت خىتاينىڭ ئۆزىنى قانچىلىك دېموكراتىك دۆلەت دەپ ماختىشىدىن قەتئىي نەزەر ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دىكتاتۇرۇلۇق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان ، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان ھاكىممۇتلەق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا.
گورباچېف "رۇسىيىدە كوممۇنىزم قايتا تەكرارلانمايدۇ" دېدى
لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېف ، رۇسىيىدە كوممۇنىزمنىڭ قايتا تەكرارلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن رۇسىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھوقۇق كۆرۈشىنىڭ ئەۋجى ئېلىۋاتقانلىقىنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى KGB سىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇشخۇمارلار گۇرۇپپىسىنىڭ پرېزىدېنت پۇتىننى سودا-تىجارەتكە قارشى تۇرۇشقا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى، ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ، پارىخورلۇقلارنىڭ كۈچۈيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،" پارىخورلۇق بىلەن پەقەت ئەركىن مەتبۇئات بار بولغان دېموكراتىك دۆلەتتىلا كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ" دېگەن.
سادام ھۈسەيىننىڭ سوتى باشلاندى
ئۆتكەن ھەپتىدە سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىكى سوت باشلاندى. سادامغا دەسلەپكى قەدەمدە 140 نەچچە نەپەر شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى ئارتىلغان. سادام سوتتا سوتچىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىغان شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ يەنىلا ئىراق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. سادامنىڭ ئۈستىدىن باشلانغان سوت خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا جۈمە كۈنى سادامنى ئاقلىغان بىر نەپەر ئادۋوكات نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (ئۈمىدۋار)