ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28-ئۆكتەبىر)


2005.10.28

رابىيە قادىر ياۋروپا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى

رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ليۇكسېمبورگ بولۇپ، ئۇنىڭ ليۇكسېمبورگدىكى زىيارىتى 23 ۋە 24 - ئۆكتەبىرلەردە ئېلىپ بېرىلدى. رابىيە خانىم بۇ جەرياندا ليۇكسېمبورگ پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. رابىيە قادىر خانىم ليۇكسېمبورگ سەپىرىدىن كېيىن ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىم يەكشەنبە كۈنى ليۇكسېمبورگ لىبىراللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارلىس گۆرېنس ئەپەندى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولغان. رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ليوكسېمبورگ رەھبىرى ئەربابلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئۈچ ھەپتە جەريانىدا ياۋروپادىكى دانىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە، شۋېيتسارىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبورگ قاتارلىق مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت، ھۆكۈمەت رەھبىرىي ئەربابلىرى شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي داۋا پائالىيىتىدىكى زور نەتىجىدە ھەم بۇرۇلۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا خەلقارالىشىشىدىكى غەلىبىلىك قەدەم دەپ باھا بەرمەكتە.

ئامان ھاجى سوتلىنىدۇ

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن بىرىدىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى لانجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلىنىدىكەن. ئامان ھاجى دېلوسىنى لەنجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. ئۇچۇردا ئامان ھاجىنىڭ پارىخورلۇق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامان ھاجى بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى مەتبۇئاتتىن مەخپىي تۇتقان. ئامان ھاجىنىڭ ئىنىسى يەنى كانادا پۇقراسى ئىلشات خىتايغا چاقىرتىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېيتىلغان.

ئامان ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئىلشات ھاجى ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ دېلوسىنىڭ سىرلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي مەركىزىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي كومپارتىيە كادىرلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خىتاي كادىرلىرى داۋاملىق ئۇيغۇر دىيارىغا كەلمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-تۈركۈمدىكى خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن. بۇ كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت خادىمى ۋە كەسپىي خادىملار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەم بېرىش، چېگرىنى گۈللەندۈرۈش دېگەن شوئار ئاستىدا 1950-يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا تۈركۈم-تۈركۈم خىتايلارنى ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىق. 1950-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران 5%نى ئىگىلەيدىغان خىتايلار بۈگۈنكى كۈنلەردە نوپۇسنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتايلارنىڭ سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاھالىنىڭ 80%نى تەھسكىل قىلاتتى. كۆپلىگەن جايلاردا خىتايلار يوق بولۇپ، بار بولسىمۇ، ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە، ناھىيىلىرىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى يەرلىك خەلقتىن ئېشىپ كېتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى

رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى موسكۋادا جەم بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالغۇشلار، ئامېرىكا -ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىشقا قارار قىلىشى شۇنىڭدەك خىتاي-ئامېرىكا، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر قاتار يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھىندىستان، پاكىستان، ئىران ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پاكىستان بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىش تەكلىپىنى قويغان.

ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئىسلاھاتتىن نارازى بولدى

ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى زىڭ يىنچۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىڭ يىنچۈئەن خوڭكوڭنىڭ باشلىقى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ۋاشىڭتونغا قىلغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىدە، ئاۋام پالاتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەنرىي خايىد ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى رەھبىرى توم لانتىس بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا تەرەپ خوڭكوڭنىڭ مەتبۇئاتلار ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى، دېموكراتىك زاتلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ " ئاساسىي قانۇنى" غا يىتەرلىك ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.