خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەھرىرنى قولغا ئالدى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا قەشقەر ئەدەبىياتى جۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىن ئەپەندى يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ " ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن كۈرەش ھۈسەيىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.
ھەممىگە مەلۇمكى. ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەد ياسىن 10 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەمما قەشقەر سوت دائىرىلىرى كۈرەش ھۈسەيىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى
1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
1933-يىلى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ 20-ئەسىردىكى تۇنجى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى سابىت داموللام باشچىلىقىدا جاكارلىغان بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەت قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا ، مۇستەقىللىققە بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىپ، 1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ھۇل سالغان ئىدى.
1944-يىلى نىلقا تاغلىرىدا پارتلىغان غېنى باتۇر قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ ۋە 7-نويابىر كۈنىدە باشلانغان غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە 12-نويابىر كۈنى ئىنقىلابچىلار ئەلىخان تورىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت 5 يىل ئۆز ئارمىيىسى، دۆلەت بانكىسى، دۆلەت ئاپاراتلىرىنى بەرپا قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىپ، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى دائىرىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرغان ئىدى. ئاخىرىدا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرى سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلىش بىلەن بۇ يەردە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئورنىتىلدى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى يولىدا قۇربان قىلىۋېتىلدى.
گېرمانىيىدە نامايىش
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ گېرمانىيە سەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ئەيىبلەيدىغان نامايىش قىلدى. گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن، بېرلىن شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامايىشقا قاتاناشتى، بۇ ھەقتە گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نەق مەيداندىن ئۇچۇر بەردى.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2005-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، 197 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ھەمدە خىتايدىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ نورمال ئېتىقادىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىگە قىلىنغان تەنقىدنى ئىنكار قىلغان.
ئامېرىكا بۇ دوكلاتتا خىتاينى دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك سەككىز دۆلەتنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلماقتا.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دالاي لامانى قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىسى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى دالاي لامانى ئاق سارايدا قوبۇل قىلىپ، سۆھبەتلەشكەن. بۇ دالاينىڭ پرېزىدېنت بۇش بىلەن 3-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىكەن.
دالاي لاما ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىغان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشمۇ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. بۇشنىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي سەپىرىدىن ئىلگىرى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنى تۈرلۈك تەھلىللەرگە ئۈندىمەكتە. بەزىلەر ھەتتا بۇنىڭ خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سۈرىتىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىنكاس قوزغالدى
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆز خەلقى نامىدىن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىغان ئىدى. تۈركىيە،. ئامېرىكا، گەرمانىيە ۋە كانادا شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، بېيجىڭنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئۈمىدۋار)