ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-نويابىر-2-دېكابىر)


2005.12.02

رابىيە قادىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كوفى ئاننانغا ئوچۇق خەت ئەۋەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان ئەپەندىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا شىتابى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم كوفى ئاننانغا ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىدىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. رابىيە قادىر خانىم خېتىدە يەنە كوفى ئانناننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلىرىگە قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش، پىلانلىق تۇغۇتنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويۇش ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، جۈمە كۈنى كوفى ئانناننىڭ زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.

ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلار

بۇ ھەپتىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار ماقالىلار ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىقى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىنىدىغان ئاتاقلىق " ئەينەك" ژۇرنىلىدا رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ھەم باشقا مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ماقالىدىن باشقا يەنە غەرب دۇنياسىغا تونۇلغان "ئىقتىسادشۇناس"ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتايلار ئۈچۈن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قاتتىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇ رايونىنى ئۆزىنىڭ نېفىت-ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى سۆزلەنگەن.

ئۇيغۇر رايونى خىتاي بويىچە قۇش زۇكىمى ئېغىر جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

قۇش زۇكىمى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي بويىچە 30 جايدا بايقالغان بولۇپ، خىتاي بويىچە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى سېزىلگەن جايلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان. نۆۋەتتە، مەزكۇر ۋىرۇس ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن كېڭەيمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ھازىر خوتەن، پوسكام، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيىسى، مىچۇئان، داۋانچىڭ، پىچان، تۇرپاننىڭ يار يېزىسى ھەم كۈنەس قاتارلىق جايلاردا بۇ خىل كېسەلنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كېسەللىكنىڭ تېخى ئادەملەرگە يۇقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئېلىدە

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈرۇش ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى نوۋاك بېيجىڭ ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئۆتكەن دۈشەنبىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر رايونىنى خىتاي بويىچە ئەڭ دەھشەتلىك تۈرمىلەر ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى جايلاشقان رايون دەپ ھېسابلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تۈرمىلىرىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلار ئېغىر تەن جازالىرىغا ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا نوۋاك تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ،خىتايدىكى تۈرمىلەر ھەم تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، نوۋاك ئەپەندى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا خىتايدىكى تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى مەسىلىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى بىلدۈرگەن.

سوڭخۇئاجاڭ دەرياسىنىڭ بۇلغۇنىشىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكلەر

خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر خىمىيىلىك زاۋۇتنىڭ پارتلاپ كېتىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سوڭ خۇئاجاڭ دەرياسىغا كىرىپ كېتىشى بىلەن خىتاي ھەم رۇسىيە پۇقرالىرىدا جىددىيلىكلەر كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. رۇسىيىنىڭ خاباروۋسك شەھىرى سوڭ خۇئاجاڭ دەرياسىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان زەھەرلىك ماددىنىڭ ئامۇر دەرياسىغا قۇيۇلۇشى بىلەن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلەردىن ئەندىشە قىلىپ، ئاھالىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى بىر مەزگىل توختىتىشنى قارار قىلغان. راك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارالغان مەزكۇر زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بۇلغۇنۇش ئاپىتى رۇسىيىلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقلىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىن بۇ مەسىلە مۇناسىۋىتى بىلەن ئەپۇ سورىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋەتكەن.

رۇسىيىلىكلەر بۇلغانغان ئامۇر دەرياسىنىڭ بېلىقىنى ئۈچ يىلغىچە ئىستىمال قىلىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

دۇنيا ئەيدىز كۈنى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا يۈزىدە ئومۇمىي يۈزلۈك ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى پىتېر پوىنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005-يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 40 مىليون 300 مىڭدىن ئاشقان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ئەيدىز كېسىلى تېز كېڭىيىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

بۇش ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرمەيدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شىتاتىنىڭ ئانناپولىس شەھىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈشكە رەددىيە بېرىپ، ھازىر قوشۇن چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە قىسقارتىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ھەتتا ئېھتىياج بولغاندا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇكرائىنىيەدە رۇسىيىگە قارشى دېموكراتلارنىڭ يىغىنى بولدى

ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن بالتىق دېڭىزى بويىدىكى، لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئەستونىيە، كەسپىي دېڭىزى بويىدىكى گرۇزىيە شۇنىڭدەك يەنە مولداۋىيە ھەم پولشا قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كىيېۋ شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارالىق دېموكراتىك ھەمكارلىق قۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشېنكونىڭ ساھىپخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى يەنى بۈگۈنكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشىغا بېسىلغان قەدىمى بولۇپ قېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.