بۇش : ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى دۇنيادا مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىش
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 31-يانۋار كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئا دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى –تاشقى ئەھۋالى جۈملىدىن تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى دۇنيادىكى مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىش دەپ كۆرسەتكەن.
بۇش سۆزىدە يەنە ئىران مەسىلىسى، ئىراق مەسىلىسى ۋە باشقىلارنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئىراق مەسىلىسىدە ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۇش ۋاقىت جەدۋىلىنى تىلغا ئالمىغان ھەمدە قوشۇن چېكىندۈرۇشنى سىياسەتچىلەر ئەمەس بەلكى ھەربىيلەر قارار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن ئالىدىغان نېفىتىنى 2025-يىلىغا كەلگەندە 75% ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇش ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ "يېڭى رىقابەتچىسى" دەپ ئاتىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇشنىڭ نۇقتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ نۇتقى ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
1- فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم لانتوسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىندا توم لانتوس ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
بۇ يىغىندا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋە مەتبۇئات ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئىزدەش تورلىرىدىكى " دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق" دېگەندەك 1000 دىن ئارتۇق ئىبارىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ چىقىرىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت مەسىلىسىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا ئائىت مەزمۇنلار قامال قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دىيارى ھېسابلىنىدىغان قەشقەرگە پويىز قاتنىغاندىن بۇيان بۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى تېز سۈرەت بىلەن ئاشماقتا. قەشقەردىن كېلىۋاتقان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بۇرۇن 90 % تىن ئۈستۈن بولغان قەشقەردە خىتاي نوپۇسى شىددەت بىلەن ئارتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كېتىشكە قارار يۈزلەنگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە شەندوڭ قاتارلىق ئۆلكە سودىگەرلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سالغان خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ شىركەتلىرى ئىچىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوم پارتىيە سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ يۇرتى ھېسابلىنىدىغان شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋە يەنە جېجاڭ، گۇئاڭدوڭ ئۆلكىلىرىنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۇلار ئاساسلىقى كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، توقۇمچىلىق قاتارلىق ساھەرلەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ 24 مىليارد يۈئەنگە يەتكەن ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەتراپىدا
ئافغانىستان: ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش مەسىلىسىدە ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا ئافغانىستانغا ئىككى مىليارد دوللار ياردەم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا ئافغانىستانغا ئەڭ كوپ ياردەم قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا 2006-يىلىدا بىر مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە بولسا، ئۈچ يىل ئىچىدە 850 مىليون دوللار بېرىشنى قارار قىلغان. خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى جاۋشىڭ خىتاينىڭ 2006-يىلى ئافغانىستانغا 10 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، دېمەك خىتاينىڭ بېرىدىغان پۇلى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاز ئىكەن.
قىرغىزىستان؛ قىرغىزىستان دائىرىلىرى بۇ دۆلەتتىكى تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە زەربە بېرىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فېلىكىس قۇلوپ 1-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان ساقچى ۋە جامائىتىگە تەھدىد سېلىۋاتقان تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى ھاكىمىيەت قاتلاملىرى ۋە ھەربىي –ساقچى ساھەسى ئۈستىدە تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىمۇ كۈچەيتىلمەكتە.
ئۆزبېكىستان؛ ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلەرنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئۆكتىچى تەشكىلات " قۇياش نۇرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سەنجەر ئۆمەروپ ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىق ۋە باشقىلار بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئىران؛ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە ، خىتاي قاتارلىق ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەت ھەم گېرمانىيە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ھەل قىلىشقا قوشۇلدى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىمۇ يىغىن ئېچىپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا،
مىسىر؛ مىسىرنىڭ 1300 كىشى چۈشكەن " سالام 98" ناملىق بىر پاراخوتى قىزىل دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مىسىرلىقلار ئىكەن. بۇ يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ دېڭىز ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)