ئىنسان ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى
مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى يەنىلا توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا دەپ بىلدۈردى.
خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادچىلار تەھدىت ئىچىدە ياشىماقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ھەققىدە قارار ماقۇللىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى جەھەتتە چوڭ قەدەم باسىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىراق، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ قولغا ئېلىنىش، تۈرمىگە سولىنىش ۋە تۈرلۈك تەھدىدلەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى براد ئادامىسنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورچىلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشتىكى چىرايلىق باھانىسىگە ئايلانغان، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش خەلقئارا تېررورچىلىققا كۈرەشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلانغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان يادرو كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى ۋ بۇش بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ، 2 - مارت كۈنى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىگە قول قويدى. مەزكۇر كېلىشىمنامىگە ئاساسەن ھىندىستان، خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان تۈر بويىچە، ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنالايدىكەن.
جورجى بۇش ھىندىستان سەپىرىدىن ئىلگىرى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن پاكىستانمۇ ئورۇن ئالغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ مەۋجۇتمۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتى "مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى "نى 1986 يىلى بېكىتكەن بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئېلىپ باردى. يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ شۈمىن مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ھەققىدە توختىلىپ " بۇ ھەقتە بىز زور نەتىجىلەرنى قازاندۇق " دەپ ماختانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خەلقنىڭ ياردىمىسىز ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي مائارىپ ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ھەقسىز بولۇپ باقمىغان. بۇ ھەقتە بىر ئايال ئىستانسىمىزغا ئىنكاس قىلىپ، مەكتەپلەردە تۈرلۈك شەكىلدە ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سابىت ئابدۇراخماننىڭ "ئۇيغۇر نامە" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان تارىخچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مىۋىسى، ئۈچ توملۇق "ئۇيغۇرنامە" ناملىق كىتابى ئالمۇتىدا نەشر قىلىندى.
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ياش ۋاقىتلىرىدا مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان، ئۇزۇن يىللار تۈرمىدە ياتقان ۋە 80-يىللاردا ئالمۇتىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن سىياسىي ھەم ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 2005 - يىلى 7 - ئايدا كىتابىنى نەشرگە تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
بېيجىڭ: تەيۋەننىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى "ئېغىر ئېغۋاگەرچىلىك " دېدى
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن 28 فېۋرال كۈنى تەيۋەندە يۈز بەرگەن 1947-يىلىدىكى 28-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 59 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئاقلاپ، "دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسى خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى. چۈنكى بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىگە قارار بېرىش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويغان" دېدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چېن شۇيبيەننىڭ بۇ سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، "تەيۋەننىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلاندىن ۋاز كەچكەنلىكى ئېغىر ئېغۋاگەرچىلىك" دېدى.
خىتاي ئىلى ۋادىسىنى پۈتۈن خىتاي بويىچە بوز يەر ئاچىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتى
ئىلى ۋادىسى، خىتاي بويىچە 6 نۇقتىلىق بوز يەر ئېچىش رايونىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 2 - مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر پىلان بويىچە ئىلى ۋادىسىدىكى 7 ناھىيە بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك 4 - دىۋىزىيىسىنىڭ مەيدانلىرى بوز يەر ئېچىش رايونلىرى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 109 مىليون 650 مىڭ مو يەر قايتا ئېچىلىدىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى
قازاقىستان: پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆكتىچى رەھبىرى ئالتىنبېك سارسېنبايېۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇناسىۋەت بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئالمۇتىدا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتتىن جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ھەتتا "نازاربايېۋ يوقال" دېگەندەك شۇئارلارنىمۇ توۋلىغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نازاربايېۋ ئالتىنبېك سارسېنبايېۋنى ئۆلتۈرۈشتە قازاقىستان يۇقىرى كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرى خادىمى ئوتەنبايېۋنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ جىنايەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆكتىچىلەردىن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆزبېكىستان: ئۆزبېكىستان تاشكەنت شەھەرلىك سوتى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموپنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى تەنقىد قىلغان "قۇياشلىق ئۆزبېكىستان" ناملىق ئۆكتىچى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى نادىرە ھىدايەتوۋاغا ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى ئارتىپ 10 يىللىق تۈرمە جازاسى بەرگەن.(ۇمىدۋار)