ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18- 24- مارت)

خوجا نىياز ھاجى قەبرىستانلىقى چېقىلىش ئالدىدا

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم كىشىلەردىن ئىگە بولىشىمىزغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان، خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللا، مەسۇت سابىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي قەھرىمانلىرى ياتقان ئۈرۈمچىدىكى كونا قەبرىستانلىقنى يۆتكەش نىيىتىدىن يانماي كەلگەن شۇنداقلا بۇنىڭغا تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئەمما يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز بۇ قەبرىستانلىقنى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە يۆتكەيدىغانلىقى ھەققىدە ئوقتۇرۇش چىقىرىپ ھەركەت باشلىغان. ئۈرۈمچىدىن خوجا نىياز قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلشىنى ئاڭلىغان بىر كىشى مۇنداق ئىنكاس بىلدۈردى.

"خوجا نىيازنىڭ قەبرىسى بىر رەھبەرنىڭ قەبرىسى. ھازىر سەيپىدىن ۋە بۇرھانلارنىڭ قەبرىسىگە ھېچكىم چىقمايدۇ. ئۇلانبايدىكى ئۇ قەبرىستانلىققا بىرەرسى چىقىپ ئەسلەپ بىرنېمە يازغىنىنىمۇ كۆرمىدىم، ئۇ قەبرىلەر توپا بېسىپ تۇرىدۇ. نېمىشقا خوجا نىيازنىڭ يوقىلىپ كېتەي دەپ تۇرغان قەبرىسىنى كىشىلەر 60 نەچچە يىلدىن بېرى يوقلاپ تۇرىدۇ دېگەندە، مېنىڭچە شۇ غوجىنىيازنىڭ روھى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن".

خوجا نىياز ھاجى قەبرىسىگە زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن باھا سۆزلىرى ۋە شېئىرلار يېزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكىتىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھالار بېرىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى توم لانتوسنىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىماقتا.

3‏- ئاينىڭ 14‏ - كۈنى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لەنتوس ئەپەندى "بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز"، دېگەن.

توم لەنتوسقا ئوخشاش ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان بىر سىياسىي ئەرباپنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىجابىي ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، رادىئومىز ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ ھازىر دۆلەت مەجلىسىدە سىياسەت دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نورۇز ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي ۋە پارس تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەنەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان نورۇزنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى زىچ ياشايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىن باشقا يەنە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئۆتكەن يىلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مەزمۇنلۇق ۋە داغدۇغۇلۇق نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، غەرب مەملىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋا پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ۋە نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇھىم مىللىي پائالىيەتلەرنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ھەمدە يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز مىللىتى ھەم ۋەتىنىنى سۆيۈش روھىنى قوزغىتىش مەزمۇنلىرىمۇ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى 8000 ئادەم تېبىركىلوز بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆپكە تېبىركىلوزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنىلا ئاممىۋى سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر يىلى 7500 دىن 8000 غىچە كىشى مەزكۇر كېسەل بىلەن ئۆلمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان "شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى" گە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆپكە تېبىركىلوزى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە ھەر يىلى 28 مىڭ كىشىنىڭ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى كومىسسارى خىتاينى زىيارەت قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كومىسسسارى ئانتونىئو گۇتېررېس دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ مۇساپىرلار كومىتېتى كومىسسارىنىڭ 1997‏- يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا زىيارەتكە بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر كومىسسارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ مەسلىسىمۇ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايغا كىرگەن شىمالىي كورىيىلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن بۇ مۇساپىرلارنى پەقەت ئىقتىسادىي كۆچمەنلەر دەپ قاراپ، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلدى

"رۇسىيە يىلى" پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن رەسمى زىيارەت بىلەن 21 - مارت كۈنى بېيجىڭغا كەلگەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى بېكىتىلگەن "دۆلەت يىلى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلغان "رۇسىيە يىلى" غا ۋلادىمىر پۇتىن باشلامچىلىقىدا رۇسىيىنىڭ سىياسەت، سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كەلگەن بولۇپ، كېلىشىم بويىچە 2007-يىلى رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدا مەخسۇس " خىتاي يىلى" ئۆتكۈزىدىكەن.

ئىككى كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي 29 كېلىشىمگە قول قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە "رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە باياناتى" دىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىي-مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئىكەن. خىتاي تەرەپ رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇھىم مۇددىئا قىلغان، ۋىلادىمىر پۇتىن شەرقىي سىبىرىيىدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان ئايرىم نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى قۇرۇشقا ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇپ، 2011-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇللۇق بىلدۈرگەن. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشىچە، نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە خىتاي كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخى ئېنىق كېلىشىم يوق.

بېلورۇسىيىدە سايلام بولدى

بېلورۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىدە پرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكو قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچىلەر بۇ سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىشىپ، نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ سايلامنىڭ خەلقئارا دېموكراتىك سايلام ئۆلچىمىگە توشمىغانلىق بىلەن تەنقىد قىلغان. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە قارىماي، دىكتارىلىق بىلەن تەنقىدلىنىۋاتقان ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. نۆۋەتتە، بېلورۇسىيىدىمۇ خۇددى ئۇكرانىيىدىكىدەك رەڭلىق ئىنقىلاپ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلمەكتە.

نازاربايېۋ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 19-20-مارت كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىسلام كەرىموپ بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى. بۇ زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. نازاربايېۋ ئىسلام كەرىموپنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجاندىكى باستۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ"ئادىل ھەرىكەت" دەپ خۇلاسىلىغان شۇنىڭدەك كەرىموپنىڭ بۇ باستۇرۇشىنىڭ ئۆزبېكىستاننىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستانلىقلار، قىرغزىسىتانلىقلارنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردىن قوغداپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاندا 24-مارت كۈنى بايرام قىلىندى

24 - مارت كۈنى خەلق ئىنقىلابى خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بايرام ئۆتكۈزۈلدى. 24-مارت كۈنى قىرغىزىستان دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرىنىڭ غەلىبە قىلغان كۈنى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇ كۈندە بېشكەكتە نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار پرېزىدېنت بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئەسقەر ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىۋەتكەن، ئاقايېۋ ئۆز ھۆكۈمىتىنى تاشلاپ، موسكۋاغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇرمانبېك باقىيېۋ پرېزىدېنت بولدى ھەمدە قىرغىزىستاندا دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغان.(ئۈمىدۋار)