ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - 31 - مارت)

ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزدى

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ سودا رېكورتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى كاران باتىئا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە بىر "يېڭى دەۋر" گە قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى:

"بۇ يېڭى دەۋر خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن ھەمدە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ تەشكىلاتتىكى ئىشەنچلىك بىر ئەزاغا ئايلىنىش مەزگىلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا خىتاي يەنە خەلقارا سودا سېستىمىسىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك".

باتىئا سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي تەرەپ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە ئازراق ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى كۆرۈلمىگەن. يىغىندا باتىئا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئامېرىكىنىڭ تېلېگراف-ئالاقىغا ئوخشاش بىر قىسىم مۇلازىمەت سانائەتلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خىتاي يەنە، ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنىمۇ چەكلىگەن.

ئەركىن ئالىپتېكىن پان ياۋروپا ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا يىغىنىدا سۆز قىلدى

پان ياۋروپا ھەرىكىتىنىڭ يىغىنى 24-25-مارت كۈنلىرى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ئاساسلىق تېما قىلىنغان يىغىنغا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئېستونىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى، گېرمانىيە ھۆر دېموكراتىك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، خرىستىئان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.

يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئەيىبلەپ 2 قېتىم قارار چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا مىللىي پارلامېنتىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلغان.

خىتاي ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش تەربىيىسىنى مەكتەپلەردىمۇ باشلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئىدارىسى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل 5‏-ئايدىن 12‏- ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئورۇنلىرىدا ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچلەر" سىڭىپ كىرىشىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن. ج خ ئىدارىسى مەخسۇس تۈر بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بۇ ئالاھىدە ھەرىكىتىنى تونۇشتۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ساددا بولۇشى، جەمىيەت تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى شۇنداقلا ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا بۆلگۈنچى ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرۈپ، مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.

قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر رەسسامىنىڭ سۈرەتلىرى ئىستانبۇلدا كۆرگەزمە قىلىندى

يېقىندا ئىستانبۇل گۈزەل سەنئەت مۇزېيىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رەسساملىرىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر كۆرگەزمىگە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسام تەلئەت مىررەخىموۋنىڭ رەسىملىرىمۇ قويۇلدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا بېغىشلانغان سۈرەتلىرى تۈرك كۆرەرمەنلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

تەلئەت مىررەخىموۋ قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ قېتىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

قەبرە كۆچۈرۈش بەلگىلىمىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شامال باغ خوجا نىياز ھاجىم قەبرىستانلىقىنى يۆتكەش ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىقلار پەيدا بولدى. كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە يازغۇچى غولام ئەپەندى، شائىر ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىقلار مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مىللىي دۆلەت ئېڭىنى يوقىتىش مۇددىئاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىلانلىق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان ئۆزبېكىستانلىق سىياسىي مۇساپىرلارنى قايتۇرىۋەتتى

قازاقىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي بېسىمدىن قېچىپ قازاقىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 9 نەپەر ئۆزبېكىستان پۇقراسىنى، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋەتتى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھولى كارتنەر، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلغان مەزكۇر كىشىلەر قاتتىق جازاغا ئۇچرىشىشى مۇمكىن، دېدى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى، مەزكۇر 9 كىشىنى رادىكال دىنىي تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ھەمدە ئۆزبېكىستاندىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئۈمىدۋار)