ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 – 12 – ماي)

گۇانتانومودىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

ئۆتكەن جۈمە كۈنى گۇانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بەش نەپىرى قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار ساق-سالامەت ئالبانىيىگە يېتىپ كەلدى ھەمدە سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتىنى بېجىرىش ئىشلىرىنى باشلىدى. ئامېرىكا ھەربىي سوت دائىرىلىرى بۇلارنى" دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلىغان ئىدى. شۇنىڭدەك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى ئالبانىيىنىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بەش نەپىرىنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئالبانىيىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە.

گۇانتانومودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا خىتاي رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل ئەمەتنىڭ ئىنكاسى

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى ھېسابلىنىدىغان ئىسمائىل ئەمەت 12-ماي كۈنى مەزكۇر بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماستىن ئالبانىيىگە ئەۋەتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئىسمائىل ئەمەت يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىسمائىل ئەمەتكە ئوخشىمايدىغان ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇاڭجۇدا ساقچىلار ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ قوغلىدى

گۇانتانومودىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئەۋەتىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن يەنى 8‏-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە خىتاي ساقچىلىرى گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە جان بېقىۋاتقان 300 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى بازاردىن قوغلاپ چىقارغان.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 8‏- ماي كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە 100 دەك ساقچى ياۋتەي بازىرىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ھەمدە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇشقا باشلىغان.

10 ‏- ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، يەنە 100 گە يېقىن خىتاي ساقچىسى بۇ بازارغا كېلىپ، قايتىدىن تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ قوغلىغان.

تۈركىيە دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يەرمەنكىدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى تېمىسىدا كۆرگەزمە ئاچتى.

يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قەيسىرى ۋالىسى ئوسمان گۈنەش ئەپەندى سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا ئۈندىدى

سەيشەنبە كۈنى خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ بۇ ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئاساسەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.بىراق، نيو-يوركتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي گەرچە بۇ كومىتېتقا ئەزا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش جەھەتتە چوڭ ئىلگىرلەش ھاسىل قىلالىشىغا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" گەرچە خىتايدىن چوڭ نەتىجىلەرنى كۈتۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ب د ت نىڭ بۇ تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى يۈزىسىدىن ۋە دۇنيادا يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان ئورنىدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بدت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا يەنە بىر قىسىم ئىنسان ھوقۇقى ناچار مەملىكەتلەرمۇ قاتناشقان.

ئۇيغۇرلار كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مەدەنىيەت ۋە تاماق فېستىۋالىدا ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلدى

كانادانىڭ شەربروئوكە شەھرىدە كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 35-نوۋەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت ۋە تاماق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستىۋالغا 36 دۆلەتتىن كەلگەن ئۆمەكلەر قاتناشتى. ئۇيغۇرلار "ئۇيغۇرىستان" دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

فېستىۋالىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ بۇ بايراقلار ئىچىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي چالغۇلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە سىياسىي تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن بۇيۇملارنىمۇ قويغان.

رامسفېلد رۇسىيە ۋە خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى سىياسىي قورال قىلىۋېلىشى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رامسېفېلد سۆزىدە يەنە، " ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دىققىتى ئىراق بىلەن ئافغانىستاندا، بىراق كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئوخشاش كۈچلەرنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ" دېگەن.

ئۇ يەنە، " خىتاينىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. شۇندائاقلا بۇ ئەھۋال ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋاتىدۇ" دەيدۇ.

خۇالىڭ سودا سارىيىغا ئوت كەتتى

10‏- ماي كۈنى تاڭ سەھەر ئۈرۈمچىدىكى خۇالىڭ ئالىيومىن ماتېرىياللىرى سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ، 24 دۇكان كۆيۈپ كەتكەن.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 50 نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى 4 سائەتكە يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران بۇ ئوتنى ئۆچۈرگەن. ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان قويۇق ئىس-تۈتەكلەر سەۋەبىدىن، بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان نەچچە مىڭ ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خائۇلىڭ سودا سارىيى ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئېچىلغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)