ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 – 19 – ماي)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى "خىتاي ۋە ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى" ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشتى

5-مايدىن 19-مايغىچە گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە " خىتاي ۋە ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى " دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا خىتاي دېموكراتلىرى، غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر يىغىنغا شىتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە دىلشات رېشىت قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ھەمدە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىمى بۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان.

ۋاڭ لېچۈەن يەنە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن 13-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنى يۇقىرى مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۈچ خىل كۈچكە قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىردى.

ۋاڭ لېچۈەن بۇ قېتىم سۆزىدە، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۇقىرى ھوشيارلىق بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارغا قارشى مۇداپىئە تەدبىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى ۋاڭلېچۈەننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن بەش نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇۋېتىشى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر ئېلىگە پالانغان خىتايلار شاڭخەيدە نامايىش قىلدى

17-ماي كۈنى 150 كە يېقىن كىشى شاڭخەيدە نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇچرىغان زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ شاڭخەيلىك نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە پالانغانلار ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار " ھەق تەلەپ قىلىش گۇنا ئەمەس" دېگەن لوزونكىنى كۆتۈرۈپ، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى قاتارلىق جايلارغا پالانغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، ھازىر بولسا، بۇ ئۆيلەردە باشقىلارنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۆي-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى تۇنجى تۈركۈم خىتاي ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى

شىنجاڭ ھەربىي رايونى يېقىندا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تىلى خادىملىرىنى يېتىشتۈردى. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم بىر چېگرا قوغداش كادىرلىرىنى تەربىيلەش ئەترىتىدە 20 نەپەر خىتاي مەخسۇس ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپىدە تولۇق كۇرسلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ چىققان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىپلا قالماي، ئاز دېگەندە 3 تىن كۆپ ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى سۆزلىيەلەيدىكەن.

شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا بۇرۇندىن تارتىپ خېلى كۆپ تۈركۈمدە ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى بار ئىدى. ئەمما ھەربىي رايون ھازىر، مەخسۇس خىتايلاردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشماقتا، بۇ ھەقتىكى خىتاي خەۋىرىدە بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئەيدىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈنسايىن يامرىماقتا

يېقىندا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسى، غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنى ئاساس قىلىپ ئىلى تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، "ئىلى ئوبلاستىدا ھىۋ دىن يۇقۇملۇنۇش ئەھۋالى ھەققىدە گۇمانلىق دەپ قارالغان 6000 ئادەم ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمىزنىڭ نەتىجىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار 4500 گە يەتتى، بۇنىڭ 88% ئى ئۇيغۇرلار" دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە، "ئىلىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا" دېدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىن ئاچتى

5-ئاينىڭ 15-كۈنى شاڭخەي تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شاڭخەيدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى ئىران مەسىلىسى ۋە بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى قاتارلىقلار بولغان، ئۇلار بۇ قېتىم " شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزارا پرېزىدېنتى ۋە پارلامېنت سايلاملىرى ھەمدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنى كۆزىتىش چارىلىرى" دەپ ئاتالغان بىر كېلىشىمگە قول قويغان.

16- ماي كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ بېيجىڭ زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىجاۋشىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىزھار قىلىپ. ئىرانغا قارشى قورال ئىشلىتىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇت ئەخمەدى نىجاتنىڭ 6-ئايدىكى شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي پەلەستىننىڭ ھاماس تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 17-ماي كۈنى پەلەستىندىكى ھاماس تەشكىلاتىدىن كېلىپ چىققان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخمۇد زاخارنى خىتايغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتىنىڭ نېفىتتىن ھالقىغان ھالدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخمۇد زاخار ھاماس تەشكىلاتىنىڭ قاتمال رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاماس تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن ماخمۇد زاخار ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئۇنى تەكلىپ قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر نۆۋەت سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھاماس سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھاماسنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)