ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27 – مايدىن 2 – ئىيۇن)

رابىيە قادىر ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 28-ماي كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر جەمىيەتنىڭ رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان بۇ قۇرۇلتايدا كۆپچىلىك بىردەك ھالدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشىنى قوللىدى. بۇ قېتىم يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى بېكىتىلدى.

رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتايدا نۇتۇق سۆزلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىرنى تەبرىكلەپ، ئاشكارا تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىگە زەربە بېرىشكە باشلىدى

رابىيە قادىر رەئىسلىككە سايلىنىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىگە زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتىنىڭ رەسمىي مەتبۇئاتى بولغان "تەڭرىتاغ تورى" پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە روشەڭۈل ئابدۇرېھىم قاتارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ساقچىلار بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقى ۋە ساقچىلارغا قوپاللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن خەۋەردە ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى، قىزى، كېلىنى، كۈيوغلى ۋە 4 نەۋرىسىنى 31- ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00 لەردە نەنسەنگە ئېلىپ بارىمىز، دەپ ئېلىپ ماڭغان ۋە ساقچىلار ئۇلانبايغا كەلگەندە مىنىبۇسنى توختىتىپ ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى ئۇرغان.

ساقچىلار 30- ماي كۈنى رابىيە قادىرنىڭ قىزى روشەنگۈل بىلەن ئوغۇللىرى ئالىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىغا سولىۋالغان ۋە ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئامېرىكا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرىغا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇلاردىن ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، ئەگەر رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىنغان بولسا، دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، "مەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى كۆردۈم ۋە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىگە بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھاۋالە قىلدىم. ئۇلار ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ. بىز كېيىنرەك بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرىمىز " دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەسۇل خادىمى ت. كۇمار بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى "بۇ بىر قاقتى - سوقتى قىلىش قىلمىشىدۇر. ئۇلار بالىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ رابىيە قادىرنىڭ شىنجاڭغا كىشىلىك ھوقۇق ئېلىپ كېلىش تىرىشچانلىقىنى توسىماقچى " دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىردى

يېقىندا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، خىتاينىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تەن جازاسى بىلەن قىيناش شۇنىڭدەك ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسى دەل 21 ‏- نۆۋەتلىك خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېئالوگى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ، خىتايدىن مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنەت تور بەتلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشىنى، تۈرمىگە تاشلىغان مۇخبىرلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئالبانىيىدىكى بەش نەپەر مۇساپىردىن ھال سورىدى

ئامېرىكىدىكى ۋە گېرمانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئەۋەتىلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇردىن ھال سوراپ ئۇلارغا ماددىي ياردەملەرنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇ جېلىل قارى ھاجىمنى ئالبانىيىگە ئەۋەتىپ، بۇ مۇساپىرلاردىن ھال سورىغان.

مەھمۇد قەشقىرى رومانى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى

تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇيغۇر يازغۇچىسى پەرھات جىلاننىڭ" مەھمۇد قەشقىرى " ناملىق رومانى تۈركىيىدە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. (ئۈمىدۋار)