ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خۇجىنتاۋدىن رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھانرى ھايد ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى تام لانتوس بىرلىكتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېئىلنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ھانرى ھايد ۋە تام لانتوس خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يازغان بۇ خەتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغىمۇ تارقىتىپ ئۇلارنى بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.
مەزكۇر ئىككى سىياىسي ئەرباب ئۆز خەتلىردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە خۇ جىنتاۋدىن رابىيە قادىر پەرزەنلتىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەش قىلىپ مۇنداق خۇلاسىلىغان.
" جانابىي پرېزىدېنت، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتىلغان تەھدىتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى شۇنداقلا، ئۇلارغا قارىتىلغان قاتتىق قول مۇئامىلە، دۇنيا دۆلەتلىرىنى بېئىجىڭدا جەم بولۇپ 2008- يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنى دوستلۇق ۋە تىنچلىق روھى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىۋاتقان بىر دۈلەت ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت. ئاخىرىدا بىز ، سىزدىن يەنە بىر قېتىم ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى ، ئۇنىڭ نەۋرىلىرى ۋە تۇققانلىرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز" .
قىرغىزىستان ئالىي سوتى نىغمەت ھاجىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن بىر ئادەمگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلدى
قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئۆتكەن ھەپتىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نىغمەت ھاجى بوساقوپنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئاتابەك ئەخمەدوپ ئىسىملىك بىر ئۆزبېكىستان پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان. لېكىن، بۇ ھۆكۈمدىن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى نارازى بولۇپ، ئاتابەك ئەخمەدوپنىڭ ئۇرۇپ قىيناش ئارقىلىق ئۆز جىنايىتىنى ئەتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمىيەتكە ئەرزى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىر ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق گېزىتلارنىڭ بىرى " ۋالل سترەئەت جۇرنال" دا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئۈچ پەرزەنتىنى قولغا ئالغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۆزى پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۈسەنجان جېلىل خىتايغا بېرىۋېتىلدى
سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلى 1990 - يىللىرى چەتەلگە قېچىپ چىققان ھۈسەنجان جېلىل، 2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كاناداغا كېلىپ، كانادا پۇقرالىغا ئۆتكەن ھۈسەنجان جېلىل ، ئۇ بۇ يىل ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستانغا ئۇرۇق - تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارغاندا ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىدى. 27-مارت كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، تاشكەنت دائىرىلىرى ھۈسەنجاننى خىتايغا بېرىۋەتكەن.
كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا غۇل - غۇلا قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، كانادا مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىتېر ماككەي پەتەر ماككاي ، ئۆزبېكىستاننىڭ ھۈسەنجان جېلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىگە بىر دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمۇ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن سۆزلەشمەكچى ئىكەن.
گۇاڭجۇدا خىتاي ساقچىلىرى بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
گۇاڭجۇدىكى ئىسمىنى ھەم ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭجۇدىمۇ ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا مىللىي كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ناھەق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇش، ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرماقتا ئىكەن.
19 - ئىيۇن كۈنى كۈندۈزدە گۇاڭجونىڭ يۈشىئۇ رايونىدىكى ياۋتەي بازىرىدا بىر ساقچى مارالبېشىلىق bir ئۇيغۇر يىگىتىدىن گۇمانلىنىپ ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا، ئۇ بالا قارشىلىق بىلدۈرگەن، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا دەتالاش بولغاندىن كېيىن، ئۇ بالا كەتمەكچى بولغاندا ساقچى ئۇنىڭغا ئوق چىقارغان، ئەتراپتىكى باشقا ساقچىلارمۇ يېتىپ كېلىپ يارىلانغان بۇ ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ، دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە يۇقىرى ئىمتىياز بېرىشنى تەلەپ قىلدى
تەيۋەن مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ زىيارەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئامېرىكا - تەيۋەن مۇناسىئىۋەتلىرى ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان قاراردا، بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە تەيۋەننى دۆلەت دەپ ئاتىشى ھەمدە تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ ئاق ساراينى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى تەكلىپ قىلىنغان. كېڭەش پالاتا تەرىپىدىن تېخى قوبۇل قىلىنمىغان مەزكۇر قارار ھەققىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ چىيۈ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا" ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلگەن بىر جۇڭگو پرىنسىپىغا پۈتۈنلەي خىلاپ" دېگەن. (ئۈمىدۋار)