ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – ئىيۇن – 7 - ئىيۇل)
2006.07.07
بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۈسەنجان جېلىلنى ۋە رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر نامايىشقا ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالىنىڭ بىر قىسىم تۇغقانلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، قوللىرىدا " ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق"،" رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قويۇپ بېرىلسۇن " " ھۈسەنجان جېلىل قويۇپ بېرىلسۇن" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۇرغان.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننانغا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىگە خەت ئەۋەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گېرمانىيىدىكى قازاقىستان ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئىتى بېرلىندىكى قازاقىستان ئەلچىخاسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى تەرىپىدىن ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردىمىگە ئېرىشكەن.
سىپرۇس لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان
شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشنى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا كۆرگەزمە ئاچتى. كۆرگەزمىنى سىپرۇستىكى تۈركىيە بۈيۈك ئەلچىلىك خادىملىرى، سىپپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار زىيارەت قىلغان بولۇپ زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان.
بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بەركان دېلىئورمانلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمە ئىكەن.
خەلقئارا جەمىيەت شىمالى كورىيە كرىزىسىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا
شىمالى كورىيە ئۆزىنىڭ يەرلىك ۋاقتى بويىچە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇدا 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىغا ئۇچرىدى. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن. جەنۇبىي كورىيىنىڭ باش مىنىستىرى لۇ ۋۇشۇئەن ۋە خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن. ياپونىيىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە شىمالى كورىيىنى جازالاش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى 5 چوڭ دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتە پىكرى بىردەك ئەمەس. نۆۋەتتە، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى قايتىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىدى.
قازاقىستان ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويدى
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان دائىرىلىرى، غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدى ۋە بېسىمىغا قارىماي، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەتتا تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى، مۇشۇ ھەپتە رەسمىي يولغا قويۇلدى. بىراق مەزكۇر لايىھە قازاقىستاندا كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
قازاقىستاندىكى 15 مىليون نوپۇسنىڭ 4 مىليونغا يېقىنى ئىنتېرنېت مەيدانىغا كىرىدۇ. شۇنداقلا تورغا كىرىدىغان قازاق ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدۇ ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ.
بېيجىڭپەرەس تىبەت رەھبىرى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش يوق دېدى
خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن بېيجىڭپەرەس تىبەت رەھبىرى، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە "ھېچقانداق ئەمەلىي ئىلگىرىلەش يوق" دەپ بىلدۈرۈپ، تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىيسى دالاي لامانى خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دېدى.
ئەمما دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ترۇپتېن سامپال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ' نەتىجىلىك بولدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى' دەپ باھالىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىلى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2002- يىلى قايتا باشلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى ئامال بار مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشتى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 29 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 -23 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - 16- ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27 – مايدىن 2 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - 26 – ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 – 19 – ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 – 12 – ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31-ئاپرىل - 5 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22 - 28 - ئاپرىل)