ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 – 14 – ئىيۇل)


2006.07.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ئائىت يىغىندا رابىيە قادىر پەرزەنتلىرى مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

12‏-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى خرىستىئانلار، تىبەتلەر، مۇسۇلمانلار ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىمۇ كۆرسىتىلدى. گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى، مۇشۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

خىتاي رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى رەسمىي ئەيىبلەپ، يېقىندا سوت قىلماقچى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىدىن قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ سوتلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

42 ياشلىق قاھار ئابدۇرېھىم ۋە 31 ياشلىق ئالىم ئابدۇرېھىم ھەر ئىككىلىسى باجدىن قېچىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئالىم ئابدۇرېيىم يەنە "دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن. تېخى بۇنىڭ ئالدىدىلا ئالىم ئابدۇرېھىم خىتاينىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى بىلەن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغان. رابىيە قادىر خانىم خىتاينى دېموكراتىيە يولىغا مېڭىپ، بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشقا چاقىردى.

گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلدى

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 13 ‏- ئىيۇل كۈنى، مۇختار تىلىۋالدى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش گېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇختار تىلىۋالدى، 1998 ‏- يىلى گېرمانىيىگە كېلىپ شۇندىن ئېتىبارەن گېرمانىيىنىڭ مېينېز (Meinz) شەھىرىدە ياشىغان.

گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇختار تىلىۋالدى، ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىگە گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئىشەندۈرەلمىگەن، ئۇنىڭ پاناھلىق تەلىپى 2001 ‏- يىلى ئاخىرقى قېتىم رەت قىلىنغاندىن بېرى، ئۇ گېرمانىيىدە قانۇنىي سالاھىيەتسىز ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇندىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى، گېرمانىيە ساقچىلىرى مۇختار تىلىۋالدىنى تۇتۇپ، ئۇنى خىتايغا كېتىشنى رەت قىلغانلىق ۋە ھازىرغا قەدەر نوپۇسسىز ياشىغانلىق گۇناھى ئۈچۈن تۈرمىگە سولىغان.

مۇختار تىلىۋالدى 13 ‏- ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 12 دە ئىككى گېرمان ساقچىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئادۋوكات تۇتۇپ، ئۇنى خىتايغا ئەۋەتمەسلىككە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى، مۇختەر تىلىۋالدى گېرمانىيىگە كەلگەندىن بۇيان ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭ خىتايدا خەۋپكە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

قىرغىزىستان ئامېرىكا بازىسىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا قوشۇلدى

قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى، ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ مۆھلىتى ۋە كىرا ھەققى مەسىلىسىگە ئائىت سۆھبەت ئاخىرلاشتى. نەتىجىدە، بىشكەك دائىرىلىرى بۇ بازىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپ بازىنىڭ ئىشلىتىش ۋە مۇھىت ئاسراش ھەققى بويىچە 150 مىليون دوللار بېرىشكە قوشۇلدى.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا بازىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى تاقالغان ئىدى.

شامىل باسايېۋ ئۆلتۈرۈلدى

10-ئىيۇل كۈنى چېچەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان " چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتى" نىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى " كاۋكازىيە بۆرىسى" دېگەن لەقەم بىلەن داڭ چىقارغان شامىل باسايېۋ رۇسىيىنىڭ ئىنگۇشىتىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۆلتۈرۈلدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن "بىرىنچى نومۇرلۇق تېررورچى" دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ بېشى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار بېرىش ئېلان قىلىنغان شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىردىنلا رۇسىيە ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم خەۋەر تېمىسىغا ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېچەنلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتىمۇ دېگەن سوئال رۇسىيە-چېچىنىيە مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى. كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېچەنلەرنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا باسايېۋنىڭ بومبا قاچىلانغان "كاماز" ماركىلىق يۈك ماشىنىنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقاندا تەسادىپىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈك ماشىنىسىدىكى بومبىلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى، قانداقتۇر بۇ رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ پەيدا بولغان.

شامىل باسايېۋ ۋەقەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ شامىل باسايېۋنىڭ قول تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان پەيتىدە تېلېفون سىگنالى ئارقىلىق ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنىنى بىلىۋېلىپ، باشقۇرۇلىدىغان راكېتا ئارقىلىق ئۇنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئېيتىلغان. 1996-يىلى، چېچەنلەرنىڭ پرېزىدېنتى جەۋھەر دۇدايېۋمۇ ئەنە شۇنداق ئۇسۇلدا رۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بومبايدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 گە يەتتى

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پويىزدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھازىر 200 گە يەتتى. شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان دائىرىلىرى ھازىر بومباي ۋە پايتەخت يېڭى دېھلىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ئالاھىدە چىڭىتتى.

ھىندىستان دائىرىلىرى بومباي شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىلىرىدا بىر ۋاقىتتا دېگۈدەكلا 7 قېتىم پارتلاش كۆرۈلۈپ، پويىز قاتناش سىستىمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ۋەقە كەشمىردىكى مۇسۇلمان پىدائىيىلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ تېررورلۇق ھەرىكەتنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ھىندىستانغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان تەرەپمۇ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەپ، ئۇنى " رەزىل تېررورلۇق ھەرىكەت" دەپ سۈپەتلىدى.

ئامېرىكا گۇەنتانامو مەسىلىسىدە جەنۋە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدۇ

ئامېرىكا ئالىي سوتى يېقىندا، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي سوتنى، قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇنداق سوت قۇرۇش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئالىي سوت بۇ توغرىدىكى قارارىدا شۇنداقلا گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى دېموكراتىك پارتىيە رەھبەرلىرى، ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ئوقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇيياڭدا نەچچە يۈز كىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

خىتاينىڭ گۇيجو ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ بىر كىشىنى ئۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، توپىلاڭ دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، توپىلاڭغا 300 دەك كىشى قاتناشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى دېھقانلار ۋە كۆچمەن ئىشچىلار ئىكەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ھەمدە نەچچىسى قولغا ئېلىنغان. خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا خىتايدا 87000 قېتىم خەلق قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن.

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى جىددىيلەشمەكتە

ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى پەيشەنبە كۈنى لىۋاندىكى نىشانلارغا ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن ھۇجۇم قوزغاپ، ئاز دېگەندە 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بېيرۇت ئايرودرومىمۇ بومباردىمان قىلىنىشقا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئالدىنقى ھەپتىدە لىۋاندىكى ھىزبۇللا قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، سەككىز ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئىككى نەپىرىنى قولغا ئالغانلىقى ئىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھىزبۇللا قوشۇنلىرىمۇ ئىسرائىلىيە تەرەپكە راكېتا ئاتقان.

پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى بومباردىمان قىلغان. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى قايتىدىن جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ، خەلقئارا جەمىيەت ئوتتۇرا شەرقتە كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.