ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 – ئىيۇل – 4 – ئاۋغۇست)
2006.08.04
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
ئالمۇتىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1914-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.1944-يىلى، ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنغاندا ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە باش كاتىپ بولۇپ سايلانغان.
ئۇ، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، 2005-يىلى 13-ئاۋغۇست كۈنى 91 يېشىدا ۋاپات بولغان.
نورۋىگىيە سكاندانوۋىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ماكانى
سكاندانوۋىيىدىكى يېڭى ئۇيغۇر ماكانى نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ھەم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نورۋىگىيىگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. چۈنكى ھازىر نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلار ۋە تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ سانىلا 100 دىن ئاشىدۇ.
نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بېرگىن ۋە ستاۋاڭىر شەھەرلىرىدە ئارقا – ئارقىدىن مىللى تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرى ئېچىلىپ رەسمىي ئىش باشلىدى.
تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرىنىڭ بېرگىندىكى مەسۇللىقىنى نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مىللىي تەلىم – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسۇلى كېرىم قارىم، ستاۋاڭىردىكى مەسۇللۇقىنى نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ستاۋانگىر رايونىغا مەسۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئېليار ھاجىم ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالغان بولۇپ، بەش ياشتىن تارتىپ 18 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى ھەر يەكشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېشى ۋە سەۋىيىسىگە قاراپ ئانا تىل، تارىخ ۋە دىنى ئىلىملەر بويىچە دەرس ئېلىشقا باشلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنداق خىلدىكى ئوز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش سىنىپلىرى، گەرمانىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىدىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلغان ئىدى.
كۇنمىڭدا 25 ئۇيۇغۇر ئايال زەھەرلىك ھكېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۇتۇلدى
ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدىكى ئايرودرومدا 25 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ زەھەر يۆتكەش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن 5800 گىرام خروئىن چىققان ئىكەن. بۇ ۋەقە خىتاي تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، جەمىيەتتە زور غۇل-غۇلىلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار بۇ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى يۈتۈشى، جىنسىي ئەزالىرىغا يوشۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئېچىندۇرغان يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھامىلدار ئانىلار بولۇپ، قورساقلىرىدا دۇنياغا كېلىش ئالدىدىكى پەرزەنتلىرى بار ئىكەن.
بۇ ۋەقە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى . بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خاراپ بولۇپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش غەرەزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا.
خىتايدا زىيالىيلار ھۆكۈمەت مەجبۇرىي تاقىۋەتكەن تور بەتلىرىنى قايتىدىن ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا
جوڭگونىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 103 نەپەر خىتاي زىيالىيسى يېقىندا بېيجىڭ دائىرىلىرىغا خەت يېزىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جوڭگو ۋەزىيىتىگە دائىر نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن ئۆكتىچى پوزىتسىيىدىكى تور بەتلىرىنى جۈملىدىن " جۇڭگو ئەسىرى" تور بېتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ زىيالىيلارنىڭ تەكىتلىشىچە، سۆزلەش، يېزىش، ئىپادىلەش ئەركىنلىكى بىر ئىنساننىڭ ھەرگىز ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان تۇغۇلۇشتىن مەۋجۇت تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. بۇ خەتكە ئىمزا قويغان زىيالىيلارنىڭ بىرى تىبەتلىك يازغۇچى ئوسېر خانىمدۇر. ئۇنىڭ ئىككى تور بېتى تېخى يېقىندىلا جوڭگو مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن ئىدى.
قازاقىستاندا چىقىدىغان ياش ئالاش گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
قازاقىستاندا چىقىدىغان "ياش ئالاش گېزىتى"نىڭ يېقىنقى بىر سانىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەلىنىڭ ئىلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى قازاقلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ماقالىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى قازاقلارنىڭ رېئاللىقىغا كۆز يۇمدى شۇنىڭدەك يەنە ئىلى ئوبلاستىدىكى قازاقلارنى يەر زېمىن ۋە ئوتلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا، مىللىي تىلىنى يوقىتىشكە يۈزلەندۈرۈلمەكتە دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقلارغا تۇتقان سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئەلىدە بىر مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا قازاقلار ياشايدۇ، ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن ئۇلارغا مۇمكىن قەدەر ئىمتىيازلارنى بەرسىمۇ، بىراق ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قوش تىللىق سىياسەت ھەم كەمسىتىلىش يەنىلا ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن قازاق زىيالىيلىرى قازاقىستانغا كېلىپ ماكانلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر مۇقامى ئۆزبېكىستاندا كۆرسىتىلدى
29- ۋە 30- ئىيۇل كۈنلىرى ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى تۈركىستان سارىيىدا ئىككى مەيدان دوستلۇق زىيارەت ئويۇنى كۆرسەتتى. بۇ پائالىيەتنى خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىخانىسى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تەشكىللىگەن. خىتاي يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستانغا ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىسى ئاڭلىتىش، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى كۆرسىتىش ئېلىپ بارماقتا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بىرلىكتە يوقىتىش ھەققىدە ئۆزبېكىستان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر ھەپتىدىن كېيىن مۇقام ئانسامبىلى تەيۋەنگە بېرىپ 19 مەيدان ئويۇن قويماقچى ئىكەن. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمىيەتكە تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى قىسىمدا ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمەكتە.
خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بېيجىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلدى
خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بېيجىڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇئا بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇش پروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جىڭ يەن ئايرىپ تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلدى. خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تارىختىن تارتىپ بىر قىسىم سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى جازالاپ، ئۇلارنى شىنجانغا ۋ ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا سۈرگۈن قىلاتتى. بۇ بىر ئەنئەنە بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان جىنايەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولىغان.
قىرغىزىستان ئۇچ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەردى
قىرغىزىستان پەيشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزاسى تىنچبېك ئاخماتبايەۋنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئۇچ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى تېخى ئىجرا قىلمايدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، تېخى قارار چىقارمىغان . نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىشچىلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
مائاشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن گۇئاڭدۇڭدىكى مەلۇم بىر زاۋۇت ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەتىجىدە ساقچىلار 7 ئىشچىنى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە توقۇنۇشتا بىر ئىشچى ئېغىر يارىلانغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 – 14 – ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – ئىيۇن – 7 - ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 29 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 -23 –ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - 16- ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27 – مايدىن 2 – ئىيۇن)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - 26 – ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 – 19 – ماي)