ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 – 22 – سېنتەبىر)


2006.09.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رابىيە قادىر خانىم ب د ت يىغىنى جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 9‏ - ئاينىڭ 18‏- كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ب د ت نىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مېيىپلار يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا ب د ت باش كاتىفى كوفى ئاننان بىلەن كۆرۈشكەن.

22-سېنتەبىر كۈنى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى نورۋىگىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نورۋىگىيە نوبېل كومىتېتىدىن رابىيە قادىرغا نوبېل مۇكاپاتى بەرمەسلىكككە چاقىرىپ، ئەگەر ئۇنداق قىلسا، نورۋىگىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، نورۋىگىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قەتئىي كۆرسەتتى. نورۋىگىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ماقالا ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى 1930-يىللاردىكى گىتلېر باشچىلىقىدىكى ناتسىسلار گېرمانىيىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا سېلىشتۇردى.

10 – نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە مىللەتلەر يىغىنى قارارنامىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى

تۈركىيىنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى 9-ئاينىڭ 20-كۇنى رەسمىي ئاخىرلاشتى. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنى 4 گۇرۇپ ھالىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە قۇرۇلتاي قارارنامىسى ماقۇللاندى. ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ قۇرۇلتايدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

تەيۋەندە "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى" تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تەيۋەنن چىڭيۇن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى" ناملىق خەلقارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم چىڭيۇن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور دوكتور جيان كۇنفۇ ئەپەندى ۋە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان دوكتور ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

پېشقەدەملەرنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋەت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئەخمەتجان قاسىمىي قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ،20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىكى مەزكۇر شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلاپنىڭ ئىشتىراكچىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ھازىرغىچە ئىشەنمەي كەلدى. تاشكەنت ۋە بىشكەكتە ياشايدىغان بىر قانچە نەپەر مىللىي ئىنقىلاپ قانتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە ئەمەس بەلكى سوۋەت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشماقتا

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامبرا دىكە 9‏- ئاينىڭ 21‏- كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئۆز قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى بىلش ئۈچۈن مۇخبىرىمىز ئەقىدە ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

خىتاي- تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى باشلىدى

خىتاي ۋە تاجىكىستان ھەربىي قىسىملىرى پەيشەنبە كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر باشلىدى. ئىككى تەرەپتىن تاللانغان قوشۇنلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپتىن شىنجاڭ ھەربىي رايونغا تەۋە بىر روتا قوشۇن ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتكەن. تەڭرىتاغ تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمانوف بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى 500 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك چىقىرىش ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا لىنتا كەسكەن.

مىڭلىغان چارۋىچىلار بايىنبۇلاق يايلاقلىرىدىن كۆچۈرۈلمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەلىكىدىكى بايىنبۇلاق يايلاقلىرىدا يۈز يىللاردىن بېرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلارنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ يەرلەرگە كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش نەتىجىسىدە ھازىر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ كۆپ سانغا يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنەتتە كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن بايان قىلغان 3 كىشىنى قولغا ئالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى قولغا ئالدى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنەتتە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماقالە ئېلان قىلغان، گو فېيشۇڭ، جاڭ جەنخۇڭ، چېن شۇچىڭ ئىسىملىك ئۈچ نەپەر كىشىنى " دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان " دەپ قولغا ئالدى. چەت ئەللەردىكى دېموكراتىك خىتايلار يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى بۇنداق قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ھەمدە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.