ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 – 29 – سېنتەبىر)
2006.09.29
رابىيە قادىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 24-25- سېنتەبىر كۈنلىرى ئىندىئانا شىتاتىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەردى. رابىيە قادىر بۇ سەپەردە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى جۈملىدىن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر شۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئەلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى
28 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى، خىتايدىكى 29 چوڭ ئىنتېرنېت ئاخبارات تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يىغىلغان 100 گە يېقىن مۇخبىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادى تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمىيەت پاراۋانلىقى قاتارلىق بارلىق تەرەپلەردە تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل شارائىتتا ئىكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنى ئېيتقان. نۇر بەكرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق چەتە'للەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنى ئىنكار قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ سۆزىنىڭ ئەكسىچە ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى.
چېن شۇيبيەن 'تەيۋەن بىلەن جوڭگو بىر دۆلەت ئەمەس' دەپ جاكارلىغان
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن مىنجىنداڭ پارتىيىسىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە سۆز قىلىپ 'بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن ئەزا بولۇپ كىرىش' قاتارلىق 3 مەقسەتكە يېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى چېن شۇيبيەننىڭ بۇ تەكلىپىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. تەيۋەندە پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننى يىقىتىش نامايىشى (قىزىل كىيىملىكلەر نامايىشى) مۇ ھازىر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. يىغىندا چېن شۇيبيەن تەيۋەن بىلەن جۇڭگو بىر دۆلەت ئەمەس ' دەپ جاكارلىغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىيىنىڭ كېڭىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
9-ئاينىڭ 26- كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، ئامېرىكا ھېلسىنكى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل ياردەمچىسى رىچارد باۋچەر، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، چېگرا بىخەتەرلىكى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ بېكىتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئۆزىنىڭ رولى ۋە مەقسەتلىرىنى قانداق ۋە قايسى يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغانلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارا بايان قىلىشى كېرەك، دېدى. يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ، دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى دېيىش ئارقىلىق، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى ھەمدە رايوندا ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت قىلىدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 26-سېنتەبىر كۈنىدىن 30 سېنتەبىرگىچە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان . ئۇ، ئىلگىرى كېيىن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى ھەمدە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى بىلەن شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا -قازاقىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. جۈمە كۈنى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا پرېزىدېنت جورجى بۇشنىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە بۇش بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرىدە قازاقىستان-ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى.
كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدە قۇرۇلۇشى ۋاشىنگتوندا باشلاندى
، پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە بىنا قىلىنىدىغان ئابىدە قۇرۇلۇشنىڭ 27 - سېنتەبىر كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە، دۇنيادا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلەر خاتىرىلىنىدىغان مۇنارلار، مۇزېيلار ۋە باشقا خىلمۇ-خىل مەنزىرىلەر ناھايىتى كۆپ. دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مەشھۇر ھۆرلۈك ئىلاھى ھەيكىلىگە تەقلىد قىلىپ تەييارلانغان يەنە بىر مىس ئابىدە دەل مۇشۇ مەنزىرىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ئابىدىنى زىيارەت قىلغان كىشىلەر ' كوممۇنىزم تۈزۈمى يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىدى'، ' كوممۇنىزم ئاسارىتىدە تۇرىۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقلەرگە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق تىلەيمىز' دېگەن جۈملىلەرنى كۆرىدۇ. بۇ ئابىدە قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى 6 - ئايدا پۈتىدىكەن. كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىنسانلارنىڭ 100 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى مولچەرلەنمەكتە. رۇسىيىدىكى بولشېۋىكلارلا 1917-يىلىدىن تارتىپ 90-يىللارغىچە 100 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىكەن.
خىتاي جىنايى قاچقۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇۋا قىلماقتا
ئۈرۈمچى تومۇر يول جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ يىل باشلىنىپ 9 - ئايغىچە قاچاقتىكى ئېغىر جىنايەتكارلاردىن 231 نەپەرنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، كىشىنى چۆچىتىدىغىنى ئۇلارنىڭ 208 نەپىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىققا ئوخشاش ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن خىتاي جىنايەتچىلەر ئىكەن.
تۆمۈر يول ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر مەسۇلى شىنخۇئا مۇخبىرىغا "بىز جۇڭگو ئۆلكىلىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كېلىۋاتقان جىنايەتچىلەردىن جىق بولغاندا كۈنىگە تۆتنى تۇتىمىز قولغا ئالغان جىنايەتچىلەرنىڭ 90% نى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن قاچاقتىكى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئىگىلەيدۇ، شنجاڭغا قېچىپ كەلگەن ھەر بىر جىنايەتچى خۇددى پارتلاتقۇچ بومبا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك" دېگەن.
توققۇز ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كەلگەن جىنايەتچىلەردىن تۇتۇلغانلىرى 151 نەپەر بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گەنسۇ، خېنەن، سىچۇئەن، جياڭسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى كوپى ئادەم ئولتۇرگەنلەر ئىكەن.
خىتاي تۈركمەنىستاندىن تەبىئىي گازى ئىمپورت قىلىش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركمەنىستاندىن تەبىئىي گازى ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس گاز يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پىلانىنى ماقۇللىدى. ئەگەر بۇ گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تاماملانسا يىلىغا 30 مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت گازى ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ ئىقتىسادىي رايونىغا ئېقىپ كېلىدۇ.
مەزكۇر گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركمەنىستاندىن خىتايغا مەزكۇر گاز تۇرۇبا ئارقىلىق ئېقىپ كېلىدىغان تەبىي گاز مىقدارى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن شاڭخەيگە ئېقىۋاتقان تەبىي گاز مىقدارىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدىكەن. خىتاي نۆۋەتتە روسىيە بىلەن سىبىرىيە رايونىدىن خىتاينىڭ شىمالىغا گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئورنىتىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆكتەبىردە مەخسۇس سۆھبەت ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى. ھازىر خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى مونوپول قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ھەركەت قىلماقتا. ( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 – 22 – سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9 – 15 – سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 – 8 - سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26 – ئاۋغۇست 1 – سېنتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-18-ئاۋغۇست)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 – ئىيۇل – 4 – ئاۋغۇست)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21- ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 – 14 – ئىيۇل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – ئىيۇن – 7 - ئىيۇل)