بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى
جۈمە كۈنى 2006-يىللىق نوبلە تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىلقى مۇكاپات بېنگاللىق بانكا خوجايىنى مۇھەممەد يۇنۇسقا بېرىلگەن.
مۇھەممەد يۇنۇس كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بانكا قۇرۇپ، 20 يىللاردىن بۇيان بۇ بانكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خەيرىخاھلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رايى سىناشلاردا فىنلاندىيە پرېزىدېنتى ئاستاخارى، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئەڭ مۇھىم نامزاتلار دەپ قارالغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچ كىشىنىڭ بىرسىنىڭ مەزكۇر مۇكاپات ساھىبى بولۇپ قېلىشىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.
رابىيە قادىر بۇ يىلقى ئەڭ كۈچلۈك نامزات ھېسابلىنىش بىلەن ئۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا كۆپ ماقالىلار ئېلان قىلىندى.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رابىيە قادىرنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى تەقدىرلەشنى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلدى.
بۇ يىلقى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇققا بېرىلگەن.
ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor رادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلدى
ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichorرادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلىپ، مۇخبىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
Yitzhak Shichor ئىسرائىلىيە ھېبرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسورى. ئۇ، ئىلگىرى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مايور دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرى ئىدى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا رادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلىپ، مۇخبىرىمىزنىڭ خىتاي-ھىزبۇللا مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ تېررورىزم كوزورى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
Yitzhak Shichor نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ كۆرسەتكەنلىكى ئىشەنچلىك ئەمەس. ئۇ، "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىرى بىر بىرىنى ئىنكار قىلماقتا،" دەيدۇ.
120 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىپى خىتايچىلاشتۇرۇلدى
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ "ھۆسەينىيە مەكتىپى" بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرى ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئېكىساق كەنتىدە قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپىنىڭ ھەيۋەتلىك سىگنالنى چالغان ئىدى.
يۈز يىگىرمە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئۆرنەك بولۇپ مەرىپەت مەشئىلىنى ئۆچۈرمەي كەلگەن ئىدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قوش تىللىق" مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئىككىساق ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپتىكى شانلىق سەھىپىسى پەقەت تارىخقىلا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەكتەپتە خىتايچە دەرس ئوتۇش يولغا قويۇلغان. بولۇپ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بۇ مەكتەپنىڭ 30- يىللاردىكى ئوقۇغۇچىسى، ھازىر تۈركىيىدە ياشاۋاتقان سەلەي ھاجىم ئىنكاس قايتۇرۇپ،"بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، يېزىقىنى يوققا قىلىشقا ئۇرۇنۇش 21-ئەسىردىكى باسقۇنچىلىق" دېدى.
خىتاي شىمالىي كورىيىنى جازالاشتىن يالتايماقتا
خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋاڭگۇاڭيا، شىمالىي كورىيىگە "چوقۇم مەلۇم جازالاش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ۋاڭ گۇاڭيانىڭ باياناتىنى "ئىجابىي قەدەم" دەپ باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ساياھەت ۋە ئىقتىسادى ئىمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانىنى قوللاشتا ئىككىلىنىشكە باشلىدى.
9 - ئۆكتەبىر كۈنى دەندوڭ شەھىرىدىن شىمالىي كورىيىگە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل ۋە پويىز توختىتىپ قويۇلغان.
ئۆزبېكىستان چولپىنى تەقىپلەشكە ئۇچرىدى
ئۆزبېكىستان زامانىۋى ناخشىچىلىقىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، مەركىزىي ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرۈنمەيۋاتقانلىقى ۋە تۈرلۈك بايرام-مۇراسىم پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلمايۋاتقانلىقى بىلەن جامائەت ئارىسىدا ئۇنىڭ تەقىپلەشلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار پەيدا بولغان.
يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ ئويۇن قويغان ناخشىچى بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئەرىشكەن. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ دادىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تائاملارنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
ئەخمەدىنىجاد ئاتوم پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات 10 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا، ئىران ئۆزىنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاتوم پروگراممىسىنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇقامشۇناسلىق پېنى تەسىس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
ئۈرۈمچىدە ئۆكتەبىردە باشلانغان ساياھەت ھەپتىلىكىدە9 دۆلەتتىن كەلگەن 75 نەپەر مۇزىكا، ئۇسۇل، ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرى توپلىنىپ، مۇقامشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاخىرىدا بۇ ئالىملار بىردەك ھالدا خەلقئارالىق مۇقامشۇناسلىق' ئىلمىنى تىكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتاي ئۇيغۇرشۇناسلىق، مۇقامشۇناسلىق قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلىملەرنى مونوپول قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقان ئىكەن.
ئىراق ئۇرۇشىدا 665 مىڭ ئادەم ئۆلدى
ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا، ئىراقتا 9 - ئاي ئىچىدە دىنى مەزھەپلەر ئارا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا 2660 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئىراقتا ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 665 مىڭغا يەتكەن. ( ئۈمىدۋار)