شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى
12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى قەشقەردە سابىت داموللام رەھبەرلىكىدە، 1944-يىلى غۇلجىدا ئەلىخان تۆرەم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدۇر. 12-نويابىر كۈنى 1945-يىلى ئەلىخان تۆرەم رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي دۆلەت بايرىمى قىلىپ بەكىتىلگەن بولۇپ، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ئۇنى تۆت يىل ئۆتكۈزۈشكە ئېرىشكەن.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغالدى. 1934-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى ھەمدە 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللام باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلىندى. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ئالتە ئاي مەۋجۇت بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى ھەم ما جوڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا يوق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بەلگىسى، دۆلەت بايرىقى ھەم دۆلەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك پىكىرلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساس بولدى.
1944-يىلى 8-ئايدا نىلقىدا غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇرلار باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ ئوقلىرىنى قايتا ئاتتى، شۇ يىلى 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ ھۆكۈمەت تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ، يەنە شۇ سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق غەرب مەملىكەتلىرى، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى. ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە گە ئايلاندى.
ۋاڭ لېچۈئەن قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن 13- نويابىردىن 15-نويابىرغىچە قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قازاقىستان زىيارىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا، بانكا، ئىجتىمائىي، مائارىپ، ساياھەت ۋە سىياسىي ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ۋاڭ لېچۈئەننى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەسۈموپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توقايېۋ قاتارلىقلار قوبۇل قىلغان بولۇپ، ۋاڭ لېچۈئەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي كېڭىشىنىڭ قازاق رەئىسى ئەسقەت كېرىمباينىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈرمىلىرىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشكارىلىدى
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدىغان تەڭرى تاغ تورىنىڭ 17-نويابىردىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسۇلى ۋاڭ ئەيگو "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق تۈرمىلەردىكى بارلىق جىنايەتچىلەرنىڭ 64% تىن كۆپرەكىنى ئاز سانلىق مىللەت جىنايەتچىلىرى تەشكىل قىلىدۇ" دەپ ئاشكارىلىغان. لېكىن، ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ تەركىبى ھەققىدە توختالمىغان بولۇپ، سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلار ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانماقتا ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماقتا.
مەسۇد سەبىرىنىڭ "نىيازقىز رومانى" نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىيونى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتايغا تونۇلغان سىياسىيون بولۇپلا قالماستىن بەلكى، كۆرۈنەرلىك يازغۇچى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەن ھەقىقىي ۋەقەلىرى ئاساسىدا "نىيازقىز" رومانى ۋە درامىسىنى يازغان.
نىيازقىز درامىسى 40-يىللاردا ئۈرۈمچى سەھنىسىدە ئوينالغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ ئەسەردە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ مەجبۇرى ھالدا بىر خىتاي بىلەن توي قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى سۆزلەنگەن. 30-40-يىللاردا خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى خوتۇن قىلىۋېلىش ھەم خالىغانچە باسقۇنچىلىق قىلىش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1946-يىلى خەلق گېنېرال جاڭ جىجوڭدىن خىتاي ھەربىي –سىياسىي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە 3 مىليونغا يېقىن ئىشسىز كىشى بولسىمۇ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئىشلىگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئاقسۇ خىتاينى زىيارەت قىلدى
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارى ئابدۇقادىر ئاقسۇ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى جۇ يوڭكاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. جۇ يوڭكاڭ تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا تۈركىيىدە تۇرۇپ خىتاينى بۆلۈشكە تىرىشىۋاتقانلارغا پۇرسەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغالىقىنى بىلدۈرگەن . بۇ ئابدۇلقادىر ئاقسۇنىڭ مىنىستىر بولغاندىن بۇيانقى 3 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ 3-قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نۇر بەكرى قوش تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى نۇر بەكرى، خوتەن ۋىلايىتىدە قوش تىللىق مائارىپنى، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە رادىئو - تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۇر بەكرى قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى جۈملىدىن خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى يەسلىدىن ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىن باشلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارىدۇر. گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسى ماۋ زېدوڭنى "چوڭ دىكتاتور " دەپ ئاتاپ پروگرامما تارقاتتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر تېلېۋىزىيە قانىلى ز د ف تەرىپىدىن ئىشلەنگەن "چوڭ دىكتاتور" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان بولۇپ، 45 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدە، بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى، يەنى 1976 – يىلى 9 – سېنتەبىر كۈنى ئۆلگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ماۋ زېدوڭنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. "ماۋ زېدۇڭ 20 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىكتاتورنىڭ بىرى ۋە ئەڭ ۋەھشىسى " دەپ تەرىپلەنگەن.
خىتاي ساختا ماركىلار ئامېرىكا-خىتاي سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى گوتىرىس ئەپەندى 'ھازىر خىتايدا يامراپ كەتكەن ساختا ماركىلىق مال ئەتكەسچىلىكى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە' دېگەن. (ئۈمىدۋار)