ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى ئىسمائىل يۈسۈپنىڭ ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئالما-ئاتادىكى سۇلتان قورغان قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەربابى، 60 - يىللاردا قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولۇپ ھاكىمىيەت باشقۇرغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىسمائىل يۈسۈپنىڭ قەبرە بېشىغا ئورنىتىلغان ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمى 22 - نويابىر كۈنى ئالماتادا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىسمائىل يۈسۈپوۋ 1962-1964-يىللىرى خرۇشېپ تەرىپىدىن قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارىلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، برەجنېف دەۋرىدە ھوقۇقتىن ئېلىپ تاشلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ سىياسىي بېسىملار ئاستىدا ياشىغان. بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىپ، ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن ئەرباب ئىدى.
ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە
12 مۇقام ئانسامبىلى 20 يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇل، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلەردە ئويۇن قويغاندىن كېيىن 22 – چېسلا تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئەنقەرەدىكى لەيلە گەنجەر سەھنىسىدە ئويۇن قويدى. ئويۇن قويۇش مەركىزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار، شەھەرلەر، تاغ دەريا مەنزىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرى تەسۋىرلەڭەن فوتو رەسىملەرمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.
ئۇيغۇر 12 مۇقام ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتى خىتاي بىلەن تۈركىيە سۆزلىشىپ، تەشكىللىگەن " خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىسى"نىڭ رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 12 مۇقامنى جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن تۈركلەر ئۇنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ ئىشىنىدۇ.
خىتاي سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ئالدىنقى ھەپتىدە ياپونىيە سابىق باش مىنىستىرى كويزۇمى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى جونىشىرو كۇيزۇمىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق سىياسىي جەھەتتە باردى - كەلدى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
خۇ جىنتاۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى، پاكىستاندا ئېلىپ بارىدىغان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ خىتاي دۆلەت ئەمەلدارىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەزكۇر دۆلەتكە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
خۇ جىنتاۋ پاكىستان سەپىرىدىن ئىگلىرى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ھىندىستاندا تىبەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ھەتتا لھاكپا ئىسىملىك بىر تىبەتلىك 23- نويابىر كۈنى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خۇجىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ، ئۆزىگە ئوت قويدى.
بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن ھەپتىدە "شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سېيىت تۇم تۈرك قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 30 % تىن ئاشتى
خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى، ئەسلىدىكىدىن 30 % ئاشقان بولۇپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان جايلار، يۈننەن، خېنەن، ئۇيغۇر ئېلى ۋە گۇيجۇ قاتارلىق رايونلار ھېسابلىنىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ كۆپ تارقىلىشى، ئەسلىدە بۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىشسىزلىق، نامراتلىق بولۇپمۇ سىياسىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەڭ كۆپىيىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كېسەللىك ھەتتا چەت-يېزا قىشلاقلارغىچە كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.
نېپالدا 10 يىللىق كوممۇنىست يېغىلىقى تىنچىدى
'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى' نىڭ كاتماندۇدىن خەۋەر قىلىشىچە، نېپالنىڭ باش مىنىستىرى گىرىجا كويرالا 22 - نويابىر كۈنى كاتماندۇ بۈيۈك يىغىن زالىدا ، نېپالدىكى ماۋ زېدوڭچىلارنىڭ يېتەكچىسى پراچاندا بىلەن چە ئەل دىپلوماتلىرى ئالدىدا تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. نېپالدىكى ماۋچىلارنىڭ قوراللىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئون نەچچە مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، نەپال خەلقىغە زور بالايى ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەت بۇنىڭغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2007 پارىخورلۇق دېلوسى بىرتەرەپ قىلىنىپ بولغان
'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارىدىن بىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىدا 2003 - يىلىدىن بۇيىل 9 - ئايغىچە 2007 پارچە خىيانەت-پارىخورلۇق دېلوسى بىرتەرەپ قىلىنىپ، 168 مىليون يۇئەن ئىقتىسادىي زىيان تۆلىتىۋېلىنغان. پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىزچىل تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق پارىخورلۇق –چىرىكلىك يەنىلا ئېغىر بولماقتا. (ئۈمىدۋار)